خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ۋاستىچىلىقىنى قوبۇل قىلمىدى

0:00 / 0:00

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 13-يانۋار، نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ 17-كۈنىدە بايانات ئېلان قېلىپ، ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ پائالىيەتچىلەر بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

27-يانۋار كۈنىگىچە ئىستانبۇل ۋالىيلىقىدىن خەۋەر كۈتكەن پائالىيەتچىلەر، يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5199 پارچە ئىلتىماسنى ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل سارىيەدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى نەق مەيداندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىستانبۇل ۋالىيلىقىغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى، ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بىز جازا لاگېرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرى، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى تۆت يىلدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىدا تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقان ئائىلە يېقىنلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلتىماس قېلىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدۇق. لېكىن خىتاي، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ باش ئەلچىسىگە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ 17-كۈنى، يەنى 12-يانۋار خىتاي كونسۇلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 2019-يىلى، ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسى دىڭلي DW نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ‹ئۆز ئېغزى بىلەن بىرەر مەسىلە بولسا بىزگە كەلسۇن› دېگەنىدى. لېكىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى. بىزنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىمىز خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىسىگە بەرگەن ۋەدىسىدىن تىنىۋالغانلىقى سەۋەبلىك باشلانغانىدى. خىتاي دىپلوماتلىرى ‹ئىلتىماسلارنى خىتاي ئەلچىلىرى ياكى كونسۇللىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن، ھەل قىلىمىز› دېگەن بولسىمۇ، كونسۇلىنىڭ ئىشىكىگە بارغىنىمىزدا ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا-قايتا ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىشىغا، پائالىيەتچىلەرنى «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىشىگە قارىتا، خىتاي ھۆكمىتىنىڭ لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، لاگېر قۇربانلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ توختاپ قالماي داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇشىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئائىلىلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن تونۇلغان پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا چاقىرىق قېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ پائالىيەتنى 12 كىشى باشلىغان ئىدۇق. كىيىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يوقاپ كەتكەن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئائىلىلىرىنى ئىزدەپ كونسۇلخانىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى. ھەتتا باشقا دۆلەتتىكى قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن ئىلھام ئېلىپ‹بىز بىلەن تەڭ كونسۇلخانىنىڭ ئالدىغا چىقىمىز›دېگەنلەر بولدى. مەن بۇ پائالىيەتكە باشتىن ئاخىرى قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقا دۆلەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىنى قوللايمەن ۋە چاقىرىق قىلىمەن.

ئازاب تارتىۋاتقانلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۇلارغا ئۇ ئازابنى تارتقۇزىۋاتقىنى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ ھېسابىنى شۇلاردىن سورايمىز. بىزنىڭ پائالىيىتىمىز تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بەردى. تۈركىيە جەمئىيىتىدە زور تەسىر قوزغىدى. نۇرغۇن قوللاشقا ئېرىشتۇق. بىز چىڭ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلساق قوللايدىغانلار چىقىدىكەن. قېرىنداشلارنىڭ داۋاملىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى، ئۆز ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە مىللىتىگە ئىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى ئەپەندىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قېلىپ بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.

ئائىلە ئەزالىرى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۈركىيەدىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 18-دېكابىردىن ئېتىبارەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئىلتىماسلىرىنى رەسمىي يوسۇندا تاپشۇرۇۋالغانغا ۋە ئائىلىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەنگە قەدەر، كونسۇلخانا ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. پائالىيەتچىلەر ئىستانبۇل ۋالىيلىقى يولغا قويغان بەشىكتاش ۋە سارىيەر رايونلىرىدىكى پائالىيەت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، چەكلىمە بىكار قىلىنغاندىن كىيىن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نۆۋەت پائالىيىتى قايتىدىن داۋاملىشىدىكەن.