تۈركىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 28-يانۋار تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
ئۇ، كونياداكى 90 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىدىن ھال سوراپ، ئۇلارغا ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ھەم ئاۋازى بولۇشنى، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھال سورىغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ھەممىمىزنىڭ ئەسلى يۇرتى ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›ناملىق كىتابنى يازغان مەخمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتى قەشقەردۇر، تۇرپان، خوتەن ۋە ئۈرۈمچىدۇر. بۈگۈن بۇنى ئۇنتۇپ قالغانلار بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن ئازراق ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قارشى چىقماي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلار بار. لېكىن سىلەر مېنى ياخشى بىلىسىلەر شەرقىي تۈركىستان ھەر دائىم مېنىڭ قەلبىمدە».
ئۇ، سۆزىدە 10 ياش ۋاقتىدا ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ مېھمىنى بولغانلىقىنى، شۇ ۋاقتىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇنتۇلماس لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى 1960-يىللاردا بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولغانىدى. مەن ئۇ يىللاردا 10 ياش ئىدىم. ئۇ، ۋاقىتتا مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىمدا داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقتىم، بۇندىن كېيىنمۇ ئىگە چىقىشنى داۋام قىلىمەن».
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى ۋە 2012-يىلى ئىككى قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇرۇن ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھۆكۈمەتنىڭ بۈگۈنكى سىياسىتىدىن نومۇس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، قەتلىئامغا نۇرغۇن دۇنيا دۆلەتلىرى ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىياجىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى ئەينى زاماندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىققان بىر ھۆكۈمەتنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا ئېچىنىمەن. 2009-2012-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستانغا ئىككى قېتىم بېرىپ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قۇچاقلاشتىم. خىتاي بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس، لېكىن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتقان دۆلەتكە قارىتا بىرنەرسە دېمەي تۇرالمايمىز. قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەتكە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى نومۇس بىر ئىش دەپ قارايمەن».
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى كونيادىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تايلاند ۋە مالايشىيادىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى بىلىسىلەر. ئۇ ۋاقتىدا قانداق ئىگە چىققان بولساق بۇندىن كېيىنمۇ سىلەرنىڭ ھەققانىي دەۋايىڭلارغا ئىگە چىقىمىز. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھەرگىز يالغۇز ئىگە-چاقىسىز ھېس قىلماڭلار. تۈركىيەدىكى ئاز ساندا كوممۇنىستلاردىن باشقا 83 مىليون تۈرك خەلقى سىلەرنى قوللايدۇ».
كونيادا 90 ئائىلە ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى كۆپ قەۋەتلىك بىرلا بىنادا ئولتۇرىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتى ۋە ئانا تىل مەكتىپىمۇ بار بولۇپ، ئۆتكەن ئاي «كېلەچەك» پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانمىسۇن» ماۋزۇلۇق ئىمزا يىغىش پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، تۇنجى ئىمزانى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزى قويغانىدى. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن كېلىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتى بەزى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەرمۇ؟ دەپ ئەنسىرەۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىغان بولۇپ، ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ ھەقتىمۇ توختالغان.
كونيادا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ سەمىمىي بىر ھېسسىيات بىلەن ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەرشىدىن مۇھەممەت ئەپەندى «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىغانلىقىنى، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ سۆزىدىن بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كېلەچەك پارتىيەسى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا سىياسەتچى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ پارتىيە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە باشقا تەشكىلات مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنلار چاقىرىپ پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشماقتا.