تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىغا قارىتا تەنقىدنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.01.29
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىغا قارىتا تەنقىدنى كۈچەيتتى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خالىل ئىبراھىم ئورال.
Social Media

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 27-يانۋار «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى» خاتىرە كۈنى نۇتۇق ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، چەتئەل دۈشمەنلىكى، ئىسلام ئۆچمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى كونكرېت تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ «مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش ۋە چەتئەل دۈشمەنلىكىگە توختا»، دېيىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكى، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، چوڭ قىرغىنچىلىق، بوسنىيە، رىۋاندا، كومبودىژادىكىدەك تراگېدىيەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئەردوغان بۇ يىلقى نۇتقىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان.

بۇ يىلقى «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى» خاتىرە كۈنى ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان، ياۋروپادىكى يەھۇدىي جامائەتلىرىنىڭ «چوڭ قىرغىنچىلىق» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان، شۇنىڭدەك تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسى شۇ كۈنى بىر ئۇيغۇر قىزىنى پارلامېنتنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىدىغانلىقى سوئال-سوراق قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە يېتىپ كەلدى.

پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماسلىقى ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خالىل ئىبراھىم ئورالنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىقرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن. ئۇ 29-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خالىل ئىبراھىم ئورال مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلىمىز. ئۇيەردىكى مۇسۇلمان تۈركلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە يېنىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشىنى ئارزۇلايمىز. ئەپسۇسكى، تۈركىيە ئىقتىسادى ئەندىشە سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تىلغا ئېلىشتىن چېكىنىۋاتىدۇ ۋە ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇش بىز ئۈچۈن بىر ئىزتىراپ. بۇنى بىز قوبۇل قىلمايمىز».

خالىل ئىبراھىم ئورالنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشى «نومۇس قىلارلىق» ئىكەن. ئۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دىنى ئېتىقاد جەھەتتە بىر خرىستىئان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر بىر خرىستىئان دۆلىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئېيتىپ، بۇنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ تىلغا ئالماسلىقى نومۇس قىلارلىقتۇر ۋە ئەيىبتۇر» دېدى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر 27-يانۋار «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا، پرېزىدېنت ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھىمايىچىسى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيداننى تەنقىدلىگەن. ئاكشەنەر: «ئۇلار سىزگە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھىمايىچىسى دېيىشىدۇ. بىراق ئۇلار بىزنىڭ مۇسۇلمان تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلاق سالمايدۇ» دېگەن.

ئاكشەنەر «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرى نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىتنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان، بىراق نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت سەھنىگە چىققاندا دائىرىلەر پارلامېنت تېلېۋىزىيەسىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىشىنى كېسىۋېتىپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ۋەقەنى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ تىپىك ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

«ئىيى» پارتىيەسىنڭ يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى، سابىق باش ئەلچى ئايدىن سەزگىن بۇ مەسىلىنى 28-يانۋار پارلامېنت ئومۇمى يىغىنىدا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ: «بۇنىڭدىن 12 يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بولغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان جۇمھۇر رەئىس، ئەپسۇسكى بۈگۈن خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ۋە ماددىي مەنپەئەتنى، دەپ بۇ جاسارەتنى كۆرسىتەلمىدى. ياكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خىتاي بىلەن بەزى مۇناسىۋەتلەرنى تەسىس قىلىشتا سودا ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتامدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتتىكى ھالقىلىق قوللىغۇچىسى بولۇپ، تۈركىيەدىكى تالاش-تارتىشلاردا بۇ پارتىيەمۇ ئەيىبلىنىپ كەلدى. تۇرانچىلىق ئىدىيەسىدىكى بۇ پارتىيە ئۇزۇن يىللار مابەينىدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ھىمايىچىسى بولۇپ كەلگەن. 29-يانۋار مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇزنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇسەمەت چانكايا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇسەمەت چانكايا مۇنداق دېدى: «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ ھەر قاچان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسى، دەپ قارايدىغان پارتىيە. بۇ توغرىسىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى سۈكۈت قىلدى، دەيدۇ، ئەمما سۈكۈت قىلمىدۇق، سۈكۈت قىلمايمىز. م ھ پ ( مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى) ھەر قاچان قىلىپ كەلگەندەك جايىدا، ئاقىلانە شەكىلدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. سۈكۈت قىلغان ئەھۋال يوق».

چانكايانىڭ ئېيتىشىچە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلدى، دېيىش بىر تۆھمەت ئىكەن.

ئۇ يەنە: «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىغا دائىر سۆزلەر تۆھمەتتۇر. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئارقىسىنى قىلىۋالمايدۇ، ئۇنىڭغا سۈكۈتمۇ قىلمايدۇ. م ھ پ ( مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى) مەۋجۇتلا بولىدىكەن ھەر قاچان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدۇ» دېدى. ئەمما مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۆتكەن يىلى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا سۇنغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە ئاۋاز بەرمىگەن. تەكلىپ لايىھەسى ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن رەت قىلىنغانىدى.

چانكايا ئەپەندى يەنە 2017-يىلى خىتاي بىلەن ئىمزالانغان «جىنايەتچى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى، ئەگەر بۇ كېلىشىم ئاۋازغا قويۇلسا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا: مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق ھېچقانداق نەرسىگە ئىمزا قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەھبىرىمىز دەۋلەت باغچەلىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا چوقۇم بىر سىياسىتى بار. لېكىن بۇنى بىز بىلمەيمىز. پارتىيەمىزنىڭ بەزى ئورگانلىرى بار، ئۇنىڭغا شۇلار قارار بېرىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئاستىدا م ھ پ نىڭ ئىمزاسى بولمايدۇ».

ئەردوغان «چوڭ قىرغىنچىلىق» خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق ئېلان قىلغان كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ مىڭلىغان يەھۇدىيغا ئىشىكىنى ئاچقانلىقى، ئۇنىڭ ئىشىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە ئىزچىل ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىنساننى مەركەز قىلىشنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇرۇنقى تراگېدىيەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.