لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ زىيارەت تەلىپى تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2021-02-17
Share
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ زىيارەت تەلىپى تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى 15-فېۋرال لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلغان تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى دەۋلەت باغچەلى.
Social Media

ئەنقەرەدە ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان ۋە تۈرك خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن مېھمانخانىغا نەزەربەند قىلىنغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بىر قىسىم زىيارەتلەردە بولدى.

ئەنقەرەگە توپلانغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 15-فېۋرال تۈرك خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسى ئانىتكابىرنى زىيارەت قىلدى.

تۈرك خەۋپسىزلىك خادىملىرى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە قويۇش ئۈچۈن ھازىرلانغان گۈلنىڭ ئۈستىدىكى «شەرقى تۈركىستان لاگېر قۇربانلىرى» دېگەن خەتنى ئېلىۋېتىشنى، مەزكۇر خەت بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشنىڭ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئانتكابىر زىيارىتىدىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاق پارتىيە مەركىزىگە زىيارەتكە باردى. ئاق پارتىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مۇدىر ياردەمچىسى ئەھمەت جەيلان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنى قوبۇل قىلدى. مەھمەت جەيلان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ دەردلىرىنى ئاڭلىدى ۋە خاتىرە قالدۇردى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىلگىرىلەشلەرگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى ئۆزلىرىنىڭ ئاق پارتىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئاق پارتىيە مەركىزىدىن قايتىپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مەركىزى بىناسىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. ئەپسۇسكى، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مەركىزى بىناسىغا كىرگۈزۈلمىدى. شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرك مىللىيەتچىلىكىنىڭ سىمۇۋللى دەپ قارالغان مىللەتچى ھەركەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قۇبۇل قىلماسلىقى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقى ۋە كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىشى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

مەزكۇر ۋەقە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئىچىدىكى بەزى سىياسىي كۈچلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. «خەۋەر ئەرك» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى جەلال ئادناننىڭ كونتروللۇقىدىكى بەزى مىللەت ۋەكىللىرى ئەھۋالدىن قاتتىق نارازى ئىكەن. خەۋەردە ۋەزىيەتنىڭ جەلال ئادنان تەرىپىدىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى دەۋلەت باھچەلىگە دوكلات قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 18-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلە نۆۋەتتە» تۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. پائالىيەت 3-فېۋرال ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، «ئائىلە نۆۋەتتە» پائالىيىتى «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. پائالىيەتكە ياۋروپا، قازاقىستان، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كۆپلەپ لاگېر قۇربان يېقىنلىرى ئاۋاز قوشقان بولۇپ، «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت