پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى: «5 مىنۇت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىڭلار»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-02-22
Share
پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى: «5 مىنۇت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىڭلار» تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى نۇتۇقدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 19-فېۋرال، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. 19-فېۋرال كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، 580 پارلامېنت ئەزاسىنى 5 مىنۇت كۆزىنى يۇمۇپ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىشقا چاقىردى. ئۇ، نۇتىقىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىت قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنى پارلامېنت ئەزالىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

پارلامېنت ئەزاسى قانۇنشۇناس فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ھەممەيلەنگە ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ھەممىڭلار كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ خىتاي ھەممىسىنى جىنايەتچى ئېلان قىلىپ لاگېرغا سولاپ قويغان بىر مىللەتنى كۆز ئالدىڭلارغا ئېلىپ كېلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىڭلار. بارلىق يول، خالتا كوچا ۋە مەھەللىلىرىگە يۈز تونۇش كامېرالىرى ئورنىتىلغان، 12-ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ھەممە ئادەمنىڭ گەن ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، ۋە قېنى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى ئېلىۋېلىنغان، شەھەرلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، مەھەللىلەر ئارىسىغىمۇ ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇلغان، چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان، بىر كۈن ئىچىدە ئوخشاش يولدىن ئىككى قېتىم ئۆتسە سوتقا تارتىلىۋاتقان، خىتاي ساقچىلىرى خالىغانچە تۇتۇپ سولاپ، سوراققا تارتىۋاتقان ھەتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بار. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىنى سوراش، مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، دەپىنە مۇراسىمىدا يىغلاشمۇ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ».

پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «كىمنىڭ كىم بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى، قانداق كىيىم كېيىدىغانلىقىنى، نېمىلەرنى ئۆگەنسە بولىدىغانلىقىنى، قانداق تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى، نېمىگە ئېتىقاد قىلىشى كېرەكلىكىنى، كىشىلەرنىڭ قانچە بالا تۇغىدىغانلىقىنى دۆلەت بەلگىلەپ بېرىدۇ».

ئۇ، پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەن زۇلۇم خىتاي بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نۇرغۇن دۆلەت ۋە تۈركىيە كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ. ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ھەر خىل ئىسكەنجىلەرگە، ھەتتا تاجاۋۇزغا ئۇچرىماقتا. خىتاي ئۇلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. لېكىن تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ئۇ يەردە ئاققان تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قېنى بولغاچقا خەۋەر قىممىتىمۇ بولمايۋاتىدۇ. ئىككى يىل بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقۇمدىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنى تەكىتلىگەنىدىم. بۈگۈن بۇ ھەقتە بىر ئىلگىرىلەش كۆرەلمەيۋاتىمەن».

پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەپ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ بەزى چەكلىمىلەرنى قويماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغا ئىسلام دۇنياسى بىلەن تۈرك دۇنياسى قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا تۆكۈلۈۋاتقان قان ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بولغاچقا بەزى ئىنسانلار كۆزى كۆرمەس قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇۋېلىۋاتىدۇ. ئاتا-يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي زۇلمىغا، ئاسسىمىلىياتسىيەگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقماي ئۇلارنى خىتاي زۇلمىغا تاشلاپ قويغان ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن».

فەرىدۇن باخشى ئەپەندى نۇتقىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىدى: «قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى›نىڭ يېقىندا پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر تارقىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنى بۇ يەردىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ھەرگىز بۇنى قىلىشقا تەمشەلمەڭلار. خىتاي بىلەن بۇ كېلىشىمنى تۈزۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى دېدى. مېنىڭ بىلىشىمچە بىز خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىرمۇ تۈركىيە پۇقراسى يوق. خىتاي دۆلىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تېررورچى. ئەگەر بۇ كېلىشىم ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈركىيە بىلەن بۇ كېلىشىمنى تۈزۈشتە بۇنداق ئاكتىپ. سىز ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنى ماقۇللىماقچىمۇ؟ ئەگەر ھۆكۈمىتىمىز بۇ كېلىشىمنى تۈزمىسە خىتاي ۋاكسىنا بىلەن قەرىز پۇل بەرمەمدۇ؟ مەن ھۆكۈمەتنى پارلامېنتتا تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرماقچىمەن. ھەرگىز بۇ كېلىشىمنى پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە تەمشەلمەڭلا. بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇھسەت قىلمايمىز. ئاي يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقىدىن كۆك بايراققا سالام يوللايمەن».

پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى 2018-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن تارتىپ 15 قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، تۈركىيە پارلامېنتتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، پارلامېنتتىكى سىياسىي پارتىيىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن فەرىدۇن باخشى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئادەتتە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆز قىلغاندا پارلامېنت ئەزالىرى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن ‹ياخشى› پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلايدۇ. بىز ئايرىلىپ چىققان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى چاۋاك چالمايدۇ. بەزىدە ئىجابىي ئىنكاسمۇ قايتۇرىدۇ. تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى داۋاملىق ماڭا قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقىنىمدا خەلق ئاممىسىدىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار كېلىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلەلمەيۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن».

مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت