غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-02-24
Share
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇلىدە سارىئەروغلۇ خانىم ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. 2021-يىلى 23-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلىشى شۇنىڭدەك ئەنگلىيە ۋە باشقا بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىشىنىڭ كۈچىيىشى تەسىرى ئاستىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىمەستىن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يېڭى بىر قەدەم تاشلىدى. مەزكۇر پارتىيەگە مەنسۇپ بىرقىسىم ئەمەلدارلار ئۇيغۇر ھەيئىتى بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇلىدە سارىئەروغلۇ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران ئەپەندى، مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاقلى ئەپەندى ۋە چەتئەلدىكى تۈركلەر ھەم قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ئەپەندىلەر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى. ھەيئەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەردى ۋە بۇ ھەقتە كونكرېت تەلەپلىرىنى يازما ۋە ئاغزاكى ھالدا يەتكۈزدى. بۇلاردىن سىرت خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى يېڭىلىقلار توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر ھەيئەتنى 23-فېۋرال كۈنى ئەتىگەن تۇنجى بولۇپ تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى جۇلىدە سارىئەروغلۇ خانىم پارتىيە مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، پارتىيەسىنىڭ «قەيەردە ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز» دېگەن سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بەرگەن تەلەپ خېتىنى چۈشتىن كېيىنلا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىنى ئايرىم قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت قىلىشى ئىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن ھەيئەتنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى ياۋۇز سەلىم قىران ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ھەيئەت ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، يېقىنلىرى ۋەتەندە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى يېڭى ۋەزىيەت توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى. مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكى ھەققىدە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق توختالدى:

23-فېۋرال كۈنى ئارقىدىن مەزكۇر ھەيئەتنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى ئىسمائىل چاتاقلى ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. بۇ ئۇچرىشىشقا تۈركىيەكۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئەركىن ئەكرەم ۋە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ كىشىلەرگە ئۇيغۇرغا تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىشى، «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ بىكار قىلىنىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ پۇقرالىقى مەسىلىسى تېخىغىچە ھەل بولمىغان بولۇپ، يەنىلا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تۇرۇش رۇخسىتىسىز، ئىشلەش ۋە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى قىيىن ھالدا ياشىماقتا ئىدى. تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەلىرى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى نەچچە مىليون سۈرىيەلىك ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق ئەرەب مۇسۇلمان مۇساپىرلىرىغا كۆرسەتكەن ياردەمنىڭ ھېچبىرىنى تېخىغىچە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى، سۈرىيەلىكلەرگە پۇقرالىق بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ سالاھىيەتنى بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى مۇئاۋىن مىنىستىر ئىسمايىل چاتاقلى ئەپەندى ۋە مەسلىھەتچىسى خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدى. ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ سۆھبەتنىڭ جەريانى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىدىن سىرت ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەقئارادىكى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا «خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشى» مى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 23-فېۋرال كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن تۈپەيلى ھەم تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ھەم غەرب ئەللىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى. «ئىيى»، «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى»، «كېلەچەك»، پارتىيەسى، «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى دائىم ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلىمىگەنلىكى، غەرب دۆلەتلىرى باسقان بۇ قەدەملەرنى باسالمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەشنى كۈچەيتمەكتە. بۇ مەسىلىلەر بارغانسېرى خەلقنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت