باتۇخان چولاك: «خىتاينىڭ رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى خىتايغا مايىل مەتبۇئاتلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مەزگىلدە، تۈركىيەدىكى يەنە بىر تۈركۈم ژۇرنالىستلار «خىتاينىڭ رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىپ كەلگەن ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا تەشەككۈر ئېيتىشتى.

ئىگىلىشىمىزچە، «يېڭى چاغ» گېزىتى ئۇيغۇر مەسىلىگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىۋاتقان ۋە تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بىسىمنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئاخبارات قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى ئىكەن.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا «يېڭى چاغ» گېزىتىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش مۇپەتتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەت ئەزاسى مەمەت ئىلى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم قاتارلىقلار «يېڭى چاغ» گېزىتى ئىنتېرنېت نەشىرىنىڭ باش مۇھەررىرى باتۇخان چولاق ئەپەندىمنىڭ ئىشخانىسىدا سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىم ۋە روشەن ئابباس خانىم باتۇخان چولاق ئەپەندىمگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى.

يېقىندىن بۇيان «ئايدىنلىك» ۋە «ئۇلۇسال قانال» دېگەندەك خىتاي تەرەپدارى ئاخبارات قۇرۇلۇشلىرى ئۇيغۇر داۋاسىغا، ئۇيغۇر دوستى ژۇرنالىست ۋە زىيالىيلارغا بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن بولۇپ، يانۋار ئېيىدا «ئايدىنلىك گېزىتى» چەتئەلدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى «ئامېرىكىنىڭ جاسۇسى»، «گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ پارچىسى» دەپ قارا چاپلاشقا باشلىغان.

مەزكۇر ئاخبارات ۋاسىتىسى يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلەپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان تۈرك ژۇرنالىستلاردىن مۇستافا باغ ۋە باتۇخان چولاك ئەپەندىمنى «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇلار ھۇجۇملىرىنى تۈرك ژۇرنالىستلار بىلەنلا بولدى قىلماي تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش، ئارسلان ھىدايەت قاتارلىق ياش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگىمۇ قاراتقان ۋە ئۇلارنى «گۈلەن ھەرىكىتى» نىڭ پارچىسى ياكى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىخبارات خادىملىرى» دەپ قارىلىغان.

باتۇخان چولاق ئەپەندىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى بولۇپ، «قانداشلىرىڭىزنى قانچىگە ساتتىڭىز؟»، «خىتاي جاھانگىرلىكى»، «قاندىشىنى ئۇناتقان، ئۈممىتىنى قۇتقۇزماقچى!» قاتارلىق ماقالىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈنتەرتىپتە قىلىشىغا كۈچىمەكتە.

باتۇخان چولاك ئەپەندىمنىڭ دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا، تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توغرا ئۇسۇلۇپتا چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «يېڭى چاغ» گېزىتى ۋە باتۇخان چولاق ئەپەندىمگە ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلدى. باتۇخان چولاق ئەپەندىم تەشكىلات رەھبەرلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر دوستى ۋە ئادىل ژۇرنالىست» دەپ تەرىپلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈرۈلدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇر دوستى پائالىيەتچىلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى مەزكۇر پائالىيەتچىلەرنى تۈركىيەنىڭ دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىش ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان باتۇخان چولاك ئەپەندىم مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا كىشىلەرنىڭ سەزگۈرلۈكىنىڭ ئېشىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىتىدۇر. يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ غۇلغۇلا قوزغىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەم يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپىنچە دۆلەتكە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بەزى گۇرۇپپىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يېنىغا تاراتتى. دوغۇ پىرىنچەك ۋە ‹ئايدىنلىك› گېزىتىنى دېگەندەكلەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئاساسلىقى يۇقىرىقىدەك مەزمۇنلار ئىشلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىغا، خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىگە بولغان سەزگۈرلۈكىگە توسالغۇ بولۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچىيىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ يالغۇز قويۇشتىن ئىبارەت.

بۇ سىستېمىلىق بىر شەكىلدە تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىۋاتىدۇ ۋە تەشكىللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھەقلىق ئوبرازىنىڭ كۈچىيىشىنى، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە كىشىلەرنىڭ تەشكىللىنىشىنى، پىكىرىنى بايان قىلىشىنى، ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى، كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كېلىشىنى خالىمايدۇ. مەزكۇر مەقسەت بىلەن ئۇلار ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەت ئەزاسى مەمەت ئىلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتقان ژۇرنالىستلار بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ بىرى قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ژۇرنالىستلارنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىملىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان زىيالىيلارغا ۋە ئاخباراتچىلارغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇلارنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەمەت ئىلى ئەپەندىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى «يېڭى چاغ» گېزىتىگە ئوخشاش گېزىتلەر ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا تۈركىيە ئارقىلىق ئاڭلىتىپ، تۈرك خەلقىگە ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىگە داۋايىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋىتىمىزنى قويۇقلاشتۇرىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلارغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇلارغا يېڭى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بېرىش ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىز. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز.»

باتۇخان چولاك ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك داۋاسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، قىسقىسى بىر ئىنسانلىق داۋاسى ئىكەنلىكىنى شۇڭا بۇ داۋانى يالغۇز قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى ۋە تۈرك ئاخباراتچىلىقىدا ئۆزىنى «ژۇرنالىست» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»