26-فېۋرال كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 دا تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى پارتىيە مەركىزىدىكى زالدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە رەھبەرلىرى، بەزى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇستافا دەستىچى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار تاكى ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە بۇ دەۋانى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان «ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرلىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، تۈرك جامائەتچىلىكىگە، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچى ھەر ساھە كىشىلىرىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن ئۇ بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ بۇنداق پەيتتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچقانلىقىغا رەھمەت ئېيىتتى.
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئاخبارات خادىملىرى، قىممەتلىك سەپداشلىرىم، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ قىممەتلىك مەسئۇللىرى، ئالدى بىلەن سىلەرگە ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن، ھەممىڭلەر يىغىنىمىزغا خۇش كەلدىڭلار. شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان تۈرك زېمىنىدۇر. 71 يىلدىن بۇيان ئۇ يەردە زۇلۇم بار، قان ۋە كۆز يېشى ئاقماقتا. ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىق ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇلار تۈگىگىچە، توغرىسى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغۇچە كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى لاگېرلارغا سولاپ ئۇلارغا ئاسسىمىلاتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەدە بۇنى ئىنكار قىلىۋاتقان ئادەملەر بار. لېكىن خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا ئاشكارىلاندى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، دىنىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ياش ئەۋلاتلارنى مىللىي ئەنئەنىگە ئۇيغۇن ھالدا تەربىيەلەش چەكلەنگەن بولۇپ، ياشلار جازا لاگېرلىرىغا ئاپىرىلىپ خىتاي مەدىنىيىتى بىلەن تەربىيەلەنمەكتە. ھەتتا «قوشماق تۇغقان» نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي ئەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. بىز خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شەرقىي تۈركىستان تا مۇستەقىل بولغۇچە ھەر دائىم ئۇلارنى قوللايمىز.»
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرماسلىقى، قارشى چىقىشى كېرەك. خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە قانچىلىك قورققاق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە بىردەك خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك.»
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئاچارچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دەرھال خىتاي ئەلچىسىنى چاقىرىپ، ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
27-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا تەكلىپ بويىچە قاتناشقان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئاخىرىدا سۆز قىلىپ، كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتتى. ئاندىن كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىگە سوۋغا تەقتىم قىلدى.
مەزكۇر يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقىدەك جىددى بىر پەيتتە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلىنى ئىشخانىسىدا ئايرىم قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان «تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ھەمكارلاشقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.