غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىشى تۈركىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنتىدا 22-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن 25-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى تەكلىپ لايىھەسىى ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. گوللاندىيە دۆلىتى بۇ خىل باياناتنى ئېلان قىلغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالدى.

تۈركىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەش باھانىسى بىلەن ئېلىپ بارغان تەدبىرلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشتەك بىر يۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 260-نومۇرلۇق قارارى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى ماددىلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. خىتايدىكى ئۇيغۇرغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ.»

بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە تۈركلەرنى خۇرسەن قىلدى. ئۇلار گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇنداقتا كانادا بىلەن گوللاندىيەدە ماقۇللانغان بۇ قارارلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇنىڭغا تۈركلەر قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە دائىر قاراردىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بەك كۆپ ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن سەلبىي تەسىرىمۇ بولمايدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز؟ بىز ئوخشاش مىللەتتىن، ئوخشاش دىندىن ۋە ئوخشاش مەدەنىيەتتىن كەلگەن كىشىلەر تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار بىلەن تىلى، دىنى ۋە مىللىتى ئوخشىمايدىغان گوللاندىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان قارارلار ماقۇللىنىشى ئەلۋەتتە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى قورقماي ئەيىبلىيەلمايۋاتسا، بىز ئۇيغۇرلارغا دائىر قارار ماقۇللىيالايمىزمۇ؟ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىش قېيىن.»

ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا قانۇن ۋە قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى بەزى سىياسەتچىلەر ۋە بەزى كىشىلەر ئاتالمىش «ئىمپېرىئالىست غەرب دۆلەتلىرىنىڭ» ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇيدۇرۇپ چىقىرىپ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ھەقتە «ئىيى» پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلاردىن سورايدىغان ئەڭ مۇھىم سوئال، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ دەپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمى يوق دەيمىزمۇ؟ تېررورچى دەپ ئۇيغۇرلار لاگېرغا تاشلىنىۋاتسا، دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىۋاتسا، ئۇيغۇر ئاياللار سىستېمىلىق ھالدا تاجاۋۇزغا ئىسكەنجىگە ئۇچراۋاتسا، ئۇيغۇرلارنى قۇلغا ئايلاندۇرۇۋاتسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتسا ئۇيغۇرلار قانداق قىلسۇن؟ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەي ئامېرىكا، ئەي غەرب دۆلەتلىرى نېمىشقا بىزگە ياردەم قىلىسەن؟ دېسۇنمۇ؟ سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارنى خالىمايمىز، دېسۇنمۇ؟»

ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىنىڭ لىدىرى تۈركىيە قوللىمىسا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتسا ئۇيغۇرلار قانداق قىلسۇن؟ ئۆز ۋەتىنىدە قۇل بولسۇنمۇ؟ مانچۇلارغا ئوخشاش دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى تاشلاپ قويۇپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتسۇنمۇ؟ مەنچە تۈركىيە باشتا بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك.»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ۋە قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېڭىيىش ئېھتىمال بارلىقىنى، ھازىر بېلگىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا تۈركىيە باشتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ دۆلەتلەرگە ھازىردىن تارتىپ بېسىم پەيدا قىلىشقا باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پارتىيە، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلق-ئاممىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.