شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 9 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى خاقان چاۋۇشوغلۇ ئەپەندى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆزلىرى تەييارلىغان دوكلات بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەييارلىغان ئىككى دوكلاتنى سۇندى.
دوكلاتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي چەكلىمىلەر، «تەربىيەلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا يىغىۋېلىش سىياسىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، «قوشماق تۇغقان» بولۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەردە خىتايلارنىڭ تۇرۇشى، بولۇپمۇ تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى ئېغىر ۋەزىيەت قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. بۇ مەسىلىلەر ئاغزاكىمۇ ئاڭلىتىلدى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى، ئادۋوكات بۇرجۇ كۆكسال خانىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئافيون شەھىرىدە كۆپ قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن سىرت، تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى سۇنغان. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇچرىشىش ئاخىرىدا ئۇ كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى ئېغىر ۋەزىيەتنىمۇ ئاڭلاتتى.
بۇرجۇ كۆكسال خانىم مۇنداق دېدى: «تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆيىدىن چىققىلى قويمىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى بەردى. كىشىلەر ئۈچۈن تاماق، سۇ، ھاۋا، ئوكسىگىن ۋە ئۇخلاش ئەقەللىي ھەق ھوقۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇلار بولمىسا كىشىلەر ئۆلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ. بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولىمىز».
ئارقىدىن ئىيى يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مەزكۇر ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، بەزى تەلەپلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئاكتىپ ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مېنىڭ قېرىندىشىم، ئۇلار مۇسۇلمان ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئىنسان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مېنىڭ ۋەزىپەم، مەن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمىسەم كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەپسۇسكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. خىتايغا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىڭنى توختات، لاگېرلارنى تاقىۋەت دېيىشى كېرەك ئىدى. بىز ياخشى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز».
پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئېغىر بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ھىدايەت ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى 9 تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى ئۇلارغا ئۇزاتتۇق.
ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى ئەنقەرەگە ئېلىپ بارغان 2 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا تۈرك رەھبەرلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن سىرت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.