خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە، بېلگىيە ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن پارلامېنتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئەيىبلىشى تۈركىيەدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى بىلەن «تۈرك كېڭىشى» نى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى نامىدىن تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان مۈساۋات دەرۋىشوغلۇ ئەپەندى سۆزىدە ئالدى بىلەن پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىقلاپ دوكلات تەييارلىشى، تۈركىيە پارلامېنتىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم بىلەن ئالاقىسى بار خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان قانۇن ماقۇللىشىمىز كېرەك».
ئۇ، خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ تۈركىيەگە پاناھلانغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مالىيە ئىمكانلارىمىز بىلەن خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارادا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ قارار ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك».
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن 2009-يىلى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىرلىكتە «تۈرك كېڭىشى» نامىدا خەلقئارا بىرلىك قۇرغانىدى. 2019-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك «تۈرك كېڭىشى» يىغىنىدا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىرلىككە ئەزا بولغانىدى. پارلامېنت ئەزاسى، «ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشوغلۇ ئەپەندى 3-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۇنغان تەكلىپىدە «تۈرك كېڭىشى» نى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «2009-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان ۋىلايىتىدە قازاقىستان، تۈركىيە، قىرغىزىستان ۋە ئەزەربەيجان ئورتاق قۇرغان ‹تۈرك كېڭىشى› تەشكىلاتىنىڭ دەرھال بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، يۇقىرىدىكى تەكلىپلىرىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».
ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پروفېسسورى قونۇرالىپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «تۈرك كېڭىشى» نىڭ كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەزا بولۇپ، ۋېنگىرىيە كۆزەتكۈچى دۆلەت بولغاندىن كېيىن كۈچلەنگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھازىرچە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەلمىسىمۇ كېلەچەكتە سۈكۈتىنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك كېڭىشى ئاستا-ئاستا كۈچلەندى. مەن بۇ بىرلىكنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدىم. يېقىنقى 2-3 يىل ئىچىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەزا بولىشى، ۋېنگىرىيەنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەت بولۇپ قېتىلىشى بىلەن كۈچلەندى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ھازىرچە تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن كېلەچەكتە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىدىن تۈرك كېڭىشىنى ۋەزىپىگە چاقىرىشى ئەھمىيەتكە ئىگە، بېسىم كۆپەيسە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر قالىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمەتكە بولغان بېسىمنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.