خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشى، تۈركىيەدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى يېڭى بىر قەدەم تاشلىدى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ئىسمائىل تاتلىئوغلۇ ئەپەندى، لۈتفۈ تۇرقان ئەپەندى، مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ ئەپەندىلەر 3-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار شەنتوپ ئەپەندىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەسمىي يوسۇندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى ۋە بۇ ھەقتە بىر قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىپ، رەسمىي ئىلتىماس سۇنغان.
تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان تەلەپ خېتىدە مۇنۇلار يېزىلغان: «1948-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ماقۇللانغان ۋە 1951-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دە تۆۋەندىكى 5 خىل جىنايەت سادىر قىلىنسا، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچى، بىر مىللەت ياكى ئېتنىك توپلۇلۇققا مەنسۇپ ئەزالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى. ئىككىنچى، مەلۇم بىر مىللەت ئەزالىرىغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان سېلىنىشى. ئۈچىنچى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپلۇقنىڭ بىر قىسمىنىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى ياكى تۇرمۇش شەرت-شارائىتلىرىنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلىشى. تۆتىنچى، تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغۇتنى توسۇش ئۈچۈن چارە-تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىشى. بەشىنچى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى. يۇقۇرىقى خەلقئارا ئەھدىنامىدە دېيىلگەنلەرنىڭ كۆپىنى خىتاي ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھازىر بۇلار بۇ جىنايەتلەر ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ياكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تۈسىنى ئالماقتا.»
مەزكۇر تەلەپ خېتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار يېزىلغان: «‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنىڭ بىر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن ئورتاق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىنى، شۇنداقلا بۇ قارارنى دەرھال دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
تەلەپ خېتىنىڭ ئاخىرىغا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى 3 ۋەكىلىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.
ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا 4 چوڭ پارتىيەدىن سايلانغان 585 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپى بۇ تەلەپنى قوللىغان تەقدىردە ماقۇللۇقتىن ئۆتىدىكەن. تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى يولغا قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش ئېھتىمالى بارمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن سابىق باش مىنىستىر، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىيى پارتىيەسى بۇرۇنمۇ بىر قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇنى بەزى پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قوللىغان ئىدى. ھازىر قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. مەنچە، تۈركىيە پارلامېنتى دەرھال بارلىق پارتىيەلەر قول قويغان ئورتاق بىر قارار ماقۇللاپ، دۇنياغا جاكارلىشى كېرەك. گوللاندىيە پارلامېنتى، كانادا پارلامېنتى بۇ ھەقتە قارار ماقۇللىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارارلار ئېلان قىلدى. تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇنداق بىر قارار ماقۇللىماسلىقى ئەيىب ئىشتۇر.»
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشى ئۈچۈن رەسمىي ئىلتىماس سۇنغانلىقىنىڭ زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيەدىكى زور بىر ئىلگىرلەش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن پارلامېنتنىڭ ھەرقايسىي كومىتېتلىرىدا بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.