تەيۋەننىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى ياسېر چېڭ «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشى، تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا 1992-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا باياناتلىرى تەيۋەن ئاخباراتلىرىدىمۇ ئورۇن ئالغاندىن كېيىن 5-مارت كۈنى تەيۋەننىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ياسېر چېڭ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى تەيۋەنلىك دىپلوماتلار مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن. مەزكۇر ھەيئەتنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىن خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

تەيۋەننىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ياسىېر چېڭ ئەپەندى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە: «ھۆرمەتلىك رەئىس سىزنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭىزنى قوللاپ بەرگەن باياناتلىرىڭىزغا تەيۋان ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە تەيۋەن تېلېۋىزيەلىرى ئورۇن بەردى. سىز تەيۋەنگە بېرىپ باقمىغان ئىكەنسىز، لېكىن ھازىر سىزنى تەيۋەندە ھەممە كىشى تونۇپ كەتتى. سىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تۆھپە قوشتىڭىز».

ياسىېر چېڭ ئەپەندى تەيۋەننىڭ بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيانى «كوممۇنىست خىتايغا دىققەت قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تەيۋەن ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىزچىل ھالدا ‹خىتايغا دىققەت قىلىڭلار، كوممۇنىست خىتاي تۈزۈمىگە دىققەت قىلىڭلار› دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. سىزمۇ ئەسلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقىلىق دۇنيانى شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىسىز. شۇڭا بىز تەيۋەن ھۆكۈمىتى نامىدىن سىزگە ۋە پارتىيەڭىزگە رەھمەت ئېيتىمىز».

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۆز پارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، تەيۋەن بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش زالىملارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. مەنمۇ سىز ئارقىلىق تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھازىر ئەندىشە ئىچىدە چۈنكى كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى قانۇن ۋە قارار لايىھەلىرىنى ماقۇللىدى. بۇ مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىدە شۇڭا خىتاي بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. خىتاي ھازىر بۇلاردىن قورقىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشىمىز كېرەك. خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بېسىم ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىسۇن».

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى تەيۋەننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ياسېر چېڭ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن ئايرىم تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ياسېر چېڭ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان، بېسىم، زۇلۇم، قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانىدى. 5-مارت كۈنى پارتىيەمىز ئىدارىسىدە كۆرۈشتۇق.»

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇلار تەيۋەن ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار تۈركىيە بىلەن تەيۋەن پارلامېنتلىرىدا ۋە باشقا دۆلەت پارلامېنتلىرىدا دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى قۇرۇپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتنى كۈچەيتىش پىلانى بار ئىكەن. بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. مەنچە ئورۇنلۇق بىر تەكلىپ. مەن بۇ پىكىرنى قوللايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بۇلاردىن سىرت بۇندىن كېيىن پارتىيىمىز بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا قانداق ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق.»

تەيۋەننىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى ياسېر چېڭ ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ 70 يىلدىن بۇيان تەيۋەنگە قارىتامۇ زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا زۇلۇمغا قارشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىمۇ ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت، لېكىن پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس بىز تەيۋەنلىكلەرمۇ خىتاينىڭ زۇلمىغا، بېسىمىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىمىز. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. تەيۋەن كىچىك بىر دۆلەت. 70 يىلدىن بۇيان خىتايغا قارشى تىز پۈكمەستىن كۆرەش قىلىۋاتىمىز. بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە تۈركىيەگە ‹خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە، بېسىمىغا قارشى ھەمكارلىشايلى دېمەكچىمەن›».

تەيۋەننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ۋە زىيارەتتە تەيۋەن بىلەن تۈركىيە پارلامېنتلىرىدا دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەيۋەنلىكلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تەيۋەننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق تىجارەت ۋە مەدەنىيەت ئىشخانىسى 1989-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ غەيرى رەسمىي شەكىلدىكى ئەلچىخانىدەك ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن. ئەمما تۈركىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋىتى يوق.