تۈركىيەدە تونۇلغان ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى سارە خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇلارنى داۋالاپ ساقايتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى داۋالاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ چۈشەنگەنلىرى بويىچە خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى سىستېمىلىق ھالدا تۇغماس قىلىپ قويغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى تەكىتلىدى. 8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 4-مارت كۈنى تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا سابىق باش مىنىستىر، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئايالى، ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى سارە داۋۇتئوغلۇ خانىم «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى داۋالاش جەريانىدا شاھىت بولغانلىرىم» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى داۋالاش جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قەستەن تۇغماس قىلىپ قويغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى تەكىتلىدى.
ئۇ، دوكلاتىدا ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ياشلىق چاغلىرىمىزدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلەتتۇق. مەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئايال قەھرىمان تۇسۇنگۈل ماڭا تيەنئەنمېن مەيدانىدا تانكىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان ياشنى خاتىرىلەتكەن ئىدى. يولدىشىم ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 2010-يىلىدا رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئۇ، زىيارەتتە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان نەرسە، مەن دوختۇرلۇق ۋەزىپىسى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاپەت رايونلىرىغا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن باردىم. مەسىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە، ھىندىستانغا ۋە بىرمىغا باردىم. لېكىن شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەنلىرىم ماڭا بەك تەسىر قىلدى. مەن شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا شۇنى كۆردۈمكى، تۈرك تىلىدىكى «ياشاۋاتقان ئۆلۈك» دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم. بىز قەشقەر شەھىرىدىن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىگە بارغۇچە، يېزىلارنىڭ ئىچىدىن ئۆتتۇق، يولدا مەن كۆرگەن دېھقانلار ئەگەر مىدىرلىمىسا ئۆلۈككە ئوخشايدۇ دەپ قالىسىز. مەن بۇلارنى كۆرگەندە بەك ئەپسۇسلاندىم، ئۇيغۇرلارغا ئىچىم ئاغرىدى. بىز ئىككىنچى قېتىم 2012-يىلى يەنە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا باردۇق. بۇ قېتىم بەك قىسقا ۋاقىت قالدۇق».
سارە داۋۇتئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ، ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ كەلگەن بولسىمۇ، 2010-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ بەكلا تەسىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلدا ئۆزى ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدا ئۇيغۇر ئاياللارنى داۋالىغان، قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېنىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋەتكەنلىكى، خاتا دورىلارنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ساقايماس كېسەل قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا بۇ توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«كېيىنكى يىللاردا مەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئايالنى داۋالىدىم. بۇلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئايرىم ئايرىم تراگېدىيە. مەن بۇلارنى داۋالاش جەريانىدا خىتاينىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بالا تۇغۇش، كۆپىيىش ھەق-ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە خاتا دورا بېرىش ئارقىلىق ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم».
ئۇ، بۇنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئايال بىمارلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك ئىكەن. رۇخسەت ئالماي ئىككى قات بولۇپ قالسا، ھۆكۈمەت بالىنى چۈشۈرۈۋېتىلىدىكەن. بۇ ئاياللارنىڭ بالىسى ناھايىتى ناچار شەرت-شارائىتتا چۈشۈرۈلىدىكەن. بالا بۇنداق يەرلەردە چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا بالا ياتقۇ زەخىملىنىدۇ. بالا ياتقۇسى زەخىملەنگەن ئاياللارنىڭ قايتا ھامىلىدار بولۇشى بەك قىيىن بولىدۇ. مېنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارنى داۋالاش جەريانىدا بايقىغىنىم ئۇيغۇر ئاياللارغا خاتا دورا بېرىلگەن. كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ قورسىقىدىكى بوۋاق ئېلىنغان بولغاچقا قورسىقىدا ئوپېراتسىيە پىچىقى تەگمىگەن يەر قالماپتۇ، ھەممىلا يېرىدە يارا ئىزى بار ئىكەن.»
سارە خانىم ئۆزىنىڭ خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن بالا تۇغۇشى ئۈچۈن داۋالىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىن بىر مىسالنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «40 ياش ئەتراپىدا بىر ئۇيغۇر ئايال بىمارىم بار. ئۇنىڭ 4 پەرزەنتى بار ئىكەن. لېكىن 4 بالىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا قالغان ئىكەن. 2017-يىلىدىن تارتىپ پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋېتىپتۇ. ئۇ بالا-چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەچكە ئازراقمۇ بولسۇن بالا-چاقىلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن يەنە بىر بالىغا ھامىلە بولۇش ئۈچۈن داۋالاندى. ئاياللار ھامىلە بولالىشى ئۈچۈن بالا ياتقۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئوچۇق بولۇشى كېرەك. بۇ ئايالنىڭ ئېتىلىپ قالغان بولغاچقا ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئاچقاندىن كېيىن ھازىر ئاران ھامىلىدار بولدى، ھازىر بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ.»
سارە خانىم تۈركىيەدىكى خانىم-قىزلارنىڭ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارغا كېلەچەك پارتىيەسىنىڭمۇ ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللار بار، بۇلارنىڭ يولداشلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قالغان بولغاچقا بۇ يەردە توي قىلالمايدۇ. ئەلۋەتتە تۈركىيەمۇ ئۇلارنىڭ ۋەتىنى لېكىن بۇ يەردە يېڭىدىن بىر ھايات قۇرۇش ئاسان ئەمەس. بۇ ئاياللارنىڭ پسىخىكىسىمۇ زور زەخىمىگە ئۇچرىغان. يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال بىمارىم بار. بۇ ئايال 7 پەرزەنتىنى ئېلىپ ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇل بېرىپ مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن. تۈركىيەگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى يۇرتىدا قالغان مال-مۈلكىنى سېتىپ پۇلىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كېتىپ، قايتىپ كېلەلمەپتۇ، ھازىر لاگېردا ئىكەن. ئەڭ چوڭ بالىسى 16 ياشتا جەمئىي 7 بالىسى بىلەن تۈركىيەدە قېلىپتۇ. بۇ بالىلارنىڭ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە يولداشلىرى بىلەن قايتا بىر يەرگە جەم بولۇشى ئۈچۈن كېلەچەك پارتىيەسى ياردەم قىلماقتا بۇندىن كېيىنمۇ ياردەم قىلىدۇ».
سارە خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلغان ياخشىلىقى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىدىن ئىزباسار ئەپەندى سارە خانىمنىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئايالغا ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى سۇبىنۇر ئۆمەر خانىم سارە خانىمىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
4-مارت كۈنى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇزۇگۇم خانىم-قىزلار جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى مەدىنە مۇھەممەت خانىم، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ۋە شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىدىن ئىزباسار ئەپەندىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ھەر خىل زۇلۇملارنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.