تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە خىتاينى ئەيىبلىگەن باياناتىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى جاز لاگېرلىرىنى تاقىشى ۋە مىليونلىغان بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نارازىلىق نامايىشى تەشكىللەش ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىشتەك ھەر خىل پائالىيەتلەر داۋام قىلماقتا.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئىلمىي ئورۇنلاردا لېكسىيە-دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلماقتا. تۈرك خەلقى بىلەن تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دوكتور ئەركىن ئەمەت، دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئۆمەر قۇل، ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، مىركامىل قەشقەرلى، ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان، دوكتور ئەلى روزى، ئابدۇللا ئوغۇز، دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى تۈرلۈك سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ۋە لېكسىيەلەرنى سۆزلىمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى، تۈرك ئوجاقلىرى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى، ئىنسان مەدەنىيىتى ھەرىكىتى، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى، ئانادولو گەنچلىك جەمئىيىتى، تۈركىيە گەنچلىك ۋەخپىسى قاتارلىق چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، نامايىش ئېلىپ بېرىش، نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىش، رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش دېگەندەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

6-مارت كۈنى ئىستانبۇل رايونىدىكى چايىرئوۋا قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە «شەرقىي تۈركىستان ھەقىقەتلىرى» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى مەخسۇس دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرى شۇنداقلا بۇ لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان يەرلىك خەلقلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

6-مارت كۈنى يەنە تۈركىيە گەنچلىك ۋەخپى ئىستانبۇل كاغىتخانا شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندا ئىسكەنجىلەر ۋە قانۇنسىز زامان» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا ئوغۇز تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا لېكسىيە بەردى.

9-مارت كۈنى كۇتاھيا دولمىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا رەسىملىك چۈشەندۈرۈلگەن دوكلات تەقدىم قىلىندى.

بۈگۈن، يەنى 11-مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ دۈزجە شەھىرىدىكى ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيانقى پاجىئەلىرى شۇنداقلا ھۆرلۈك يولىدىكى كۈرەشلىرىنى تونۇشتۇردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىلىشى ۋە تونۇشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىنلاردا ئاساسلىقى تۆت تۈرلۈك نۇقتىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.