تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم پرېزىدېنت ئەردوغاننى قاتتىق تەنقىت قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 9-مارت كۈنى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىت قىلدى. 10-مارت كۈنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق تەنقىت قىلدى. مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ بۇ نۇتۇقى بەزى تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «ئېزىز مىللىتىم، قىممەتلىك ۋەتەنداشلىرىم، تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. بىز قانچە ئايدىن بۇيان ھۆكۈمەتتىن ‹قاچان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرىسەن؟› دەپ سوراۋاتىمىز. پارتىيەمىزنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇللىرى پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسمىنىڭ ئالدىدا ‹تۈرك› ئاتالغۇسى بار تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ھېچ بولمىسا، خىتاي زۇلۇمى توغرىسىدا ئورتاق بىر قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن تېخىغىچە ھېچ قانداق گەپ يوق. ئەمما بۇنى داۋاملىق سۈيلەيمىز. پرېزىدېنتىمىز تېخىچە سۈكۈتتە، تۈرك بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئۈستەلنىڭ ئاستىغا مۈكىۋېلىپ چىقمايۋاتىدۇ. مىسىرلىق رابىيە ئۈچۈن شۇئار توۋلىغان ھۆكۈمەت خىتايغا قارشى ھېچنېمە دېيەلمەيۋاتىدۇ. ئەي، رەجەپ تاييىپ ئەدوغان، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پەلەستىننى قوللاپ نۇتۇق سۆزلىدىڭىز. پەلەستىنلىك خانىم-قىزلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەريادىنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭىز، پەلەستىندىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتتىڭىز. بىز ھەممىمىز سېزنى قوللىدۇق.»

مەرال ئاقشەنەر خانىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ خىيال قىلىپ بېقىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت، كۆزۈڭىزنى يۇمۇپ خىيال قىلىپ بېقىڭ، قىزىڭىزنى، كېلىنىڭىزنى ۋە ئايالىڭىزنى، ھەممىسىنى خىتاي لاگېرىغا ئېلىپ كەتكىنىنى پەرەز قىلىپ بېڭىڭ. نەۋرىلىرىڭىزنى خىتاي لاگېرغا سولاپ قويۇپ، كېلىنىڭىز ۋە قىزىڭىزنىڭ ئۆيىگە خىتاي ئەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا، قانداق قىلىسىز؟ بۇ تۈركلۈككە ۋە مۇسۇلمانلىققا سىغامدۇ؟ كۆزۈڭىزنى يۇمۇپ بۇنى خىيال قىلىپ بېڭىڭ. ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت ئەردوغان، بۇنداق بىر ئەھۋالدا قانداق قىلىسىز؟»

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 9-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ قولىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا تېگىۋاتقانلىقىنى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينىڭ بۇ قولىنى تۇتماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ھەپتە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەردە تارتىلغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرمىگەنلەر يوق. ئىنسانلار جامەنىڭ ئىچىدە يەپ-ئىچىپ، ئويناپ يۈرۈيدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى مەسچىتلەرنى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپتۇ. قەشقەردىكى كۆپ ساندىكى مەسچىتنى ئاشخانا ۋە چايخانىغا ئايلاندۇرۇپتۇ. ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەسچىتلەر بىزنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمىز. خىتايدا قېرىنداشلىرىمىز ئېزىلىۋاتىدۇ، مۇقەددەس جايلىرىمىزغا، مەھرەملىرىمىزگە خىتاينىڭ قولى تېگىۋاتىدۇ. ھۆرمەتلىك ئەردوغان، قاچان سۈكۈتىڭىزنى بۇزىسىز؟ قاچان دوللارنىڭ ھېسابىنى قىلماي، مۇقەددەس يەرلەرگە تەگكەن خىتاينىڭ قولىنى تۇتمايمەن دەيسىز؟ خىتاينىڭ قولىنى سۇندۇر دېمىدۇق، خىتاينىڭ قولىنى تۇتماڭ دەۋاتىمىز، تۇتماڭ!»

ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قاتتىق تەنقىت قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك شېرىكىنى خىتايپەرەس دوغۇ پەرىنچەك ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالدى. مەنسەپ ۋە ھوقۇق ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى دەۋاسىدىن ۋاز كەچتى، بۇنىمۇ چۈشەندۇق. لېكىن پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ خىتاي ئالدىدىكى بۇ بوينى قىسىقلىقى بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تۈرك مىللىتىگە يارىشامدۇ؟ ھېچ نومۇس قىلمامسىز، ھېچ خىجىل بولمامسىز، ھۆرمەتلىك ئەردوغان؟»

تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيەسىدىن باشقا پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىغانلىقىنى تەنقىت قىلماقتا. 10-مارت كۈنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق تەنقىت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى، ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىغانلىقى، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۆلەتلىرى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، خىتاي دۆلىتىگە رەھمەت ئېيتىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز. بۇ يەردە داۋاملىق ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز دەيسىلەر، ئەمما ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتسا سۈكۈتتە تۇرۇسىلەر. سىلەرنىڭ قېرىنداشلىقىڭلار بۇمۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر زۇلۇمغا، ئىسكەنجىگە ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ كۆپى ئاياللار ۋە بالىلاردۇر. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىسىگە قاراپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.»

تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر ھەپتە دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.