ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە گوللاندىيە، كانادا پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان سىياسەتلىرىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ قاتتىق بېسىم قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.
28-فېۋرال تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مارال ئاكشەنەر خانىم پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن تەلەپ سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بىراق، ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا سۇنغان ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەكلىپلىرى ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.
ئىيى پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىنسانلىققا يات سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە خەلقئاراغا جاكارلاش ھەققىدىكى لايىھەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا رەت قىلىنىش ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى.
تۈركىيەدىكى سول ۋە ئوڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، كېلەچەك پارتىيەسى رەئىس ياردەمچىسى سەلچۇك ئۆزداغ مۇنداق دېگەن:
«ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مىللەتچىلىك ۋە دىندارلىق ئۇقۇملىرىنىڭ پەقەت ئېغىزدىلا مەۋجۇتلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بولۇپمۇ ھەر كۈنى ۋەتەن، مىللەت شوئارلىرىنى توۋلايدىغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئۆزلىرىگە بىلەت تاشلىغان خەلققە قانداق ئىزاھلايدىغانلىقى قىزىقىشىمىزنى قوزغايدۇ. بۈگۈن سىلەر ئادالەتسىزلىككە ۋە خورلىنىشقا رۇخسەت قىلدىڭلار.»
داۋا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى ئالىي باباجان ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن:
«ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدۇر.
كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى جاكارلىغان، خەلقئارالىق شەرتنامىلەردە ئىمزاسى بولغان بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلالمايدۇ.»
ئالىي باباجان «خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي قونچىقى دەپ قارالغان» دوغۇ پېرىنچەكنىڭ تۈركىيەنىڭ مەۋجۇت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قىلىپ يەنە مۇنداق دېگەن:
«ئەقىلگە سىغىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى ھۆكۈمەتتىكى كىچىك ۋە چوڭ شېرىكلىرىگە ھەركۈنى سوراپ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى شېرىكىنىڭ باشقا شېرىكلىرى ئۈستىدە قانچىلىك تەسىر قۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا سوئال ئىشارىتى قويىمەن. ئەمەلىيەتتە ‹پېرىنچەك كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى بىز بەلگىلەۋاتىمىز› دېدى».
ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى لايىھەنىڭ پارلامېنتتا رەت قىلىنىشى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى تەرىپىدىنمۇ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئافيون كاراھىسار مىللەت ۋەكىلى بۇرجۇ كۆكئالىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ يەرگە كېلىپ ‹ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز› دەيسىلەر، لېكىن ئۇلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى تاماشا قىلىۋاتىسىلەر! ھەقسىزلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلغان تىلسىز شەيتاندۇر».
ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئادالات ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنى قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا جاۋابەن، مەزكۇر پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك بايانات ئېلان قىلىپ ئىيى پارتىيەسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن:
«ئيىى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ئاق پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيەسى يوقتەك جۈملىلەرنى قۇرۇپ، ھەقىقەتكە زىت بايانلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ.».
ئۆمەر چەلىك باياناتتا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە ئائىت لايىھىنى رەت قىلىنغانلىقى ئۈستىدە توختالمىغان.
خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر لايىھىسىنى رەت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئاساسلىقى ئىككى خىل ئامىل مەۋجۇت. بىرىنچىسى، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى نوپۇزى ۋە بېسىمىنىڭ ئېشىشى، ھەتتا تاشقى سىياسەتتە مۇستەقىللىقىنى يوقىتىشى.
خىتايغا قارىتا سۆز قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مۇستەقىل بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە ئاجىز كېتىۋاتقانلىقىدەك بىر سىياسىي رېئاللىق ئاساسلىق سەۋەب.
ئىككىنچى ئامىل تۈركىيەنىڭ ئۆزىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.
تۈركىيە رېئاللىقىدا ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان ئىيى پارتىيە تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي لايىھىنى رەت قىلىنىشى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغان ئەھۋال ئىدى. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئەمەس. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم يۈز بەردى».
شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە بىلەت تاشلىغان خەلققە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويۇشى تۈركىيەدە نارازىلىق كەيپىياتى قوزغىماقتا. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن سىياسىي كېلىشىمنامىلەرنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى ئاشماقتا.