مەرال ئاقشەنەر خانىم: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىپىمىز»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپە رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى 15-مارت كۈنى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشنىڭ ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىپىلىرى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.

15-مارت كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشقا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پېشقەدەم دىپلومات ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى، تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە بەكلا ئېچىنىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تۈركىيەدە بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدىكى پىلانلىرىنى ئۇيغۇر ھەيئىتى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ۋە ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغان قانۇن ۋە قانۇن لايىھەلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

(ئوڭدىن سولغا) تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش، مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كەمال ئەروزان، مۇئاۋىن رەئىس ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ، رەئىس مەرال ئاقشەنەر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئۆمەر قانات قاتارلىقلار «ئىيى» پارتىيە مەركىزىدە. 2021-يىلى 15-مارت، ئەنقەرە.

مەرال ئاقشەنەر خانىم د ئۇ ق ھەيئىتىگە «خۇش كەلدىڭىز» دېگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا 3 قېتىم بارغانلىقىنى، ھەر قېتىم بارغان ۋاقتىدا بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ۋەھشىي سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ داۋاملىق ھالدا كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سوراپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانغا 3 قېتىم بېرىش پۇرسىتىنى خۇدا ماڭا نېسىپ قىلدى. تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، كوممۇنىست تۈزۈمى ئۆزگىرىۋاتقان، سىياسەت يۇمشاۋاتقان مەزگىلدە باردىم. لېكىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتىنىڭ يەنىلا ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆردۈم. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2009-يىلى 6-ئايدا ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا ھەيئەت ئىچىدە ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى بەكلا كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.»

«ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، د ئۇ ق ھەيئىتىدىن مۇنداق بىر سوئال سورىدى. «مېنىڭ كاللامدا سوئال پەيدا قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بار. بىر يېرىم مىليارد نوپۇسى بار خىتاي، ئۇيغۇرلارغا قارىتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ۋەھشىي بىر سىياسەتنى تاللىدى؟»

بۇ سوئالىغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەرال ئاقشەنەر خانىمدىن «سىز سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ تۈركىيەدە ھۆكۈمەت قۇرسىڭىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكېلىمىز. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرىمىز. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە ئەكېلىپ ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز».

زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ «ئىيى» پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پارلامېنتلاردا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قانۇن ۋە لايىھىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، رادىيومىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولغىنىدەك 2017-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشنى كۈتمەكتە. مەرال ئاقشەنەر خانىم «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ پارلامېنتتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بەرگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

2018-يىلى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۇرقان ئەپەندى بىلەن، فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى يېقىندا سۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاكارلاش توغرىسىدا سۇنۇلغان تەكلىپ، 2021-يىلى 10-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلغان بولۇپ، رەت قىلىنغانىدى.