تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ھەر يىلى بولغىنىدەك بۇ يىل 21-مارت كۈنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي خەلقلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى.
مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان نورۇز مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەردىن مۇجاھىت قەشقەرلى «كىشىلىك ھوقۇقى قەيەردە؟» دېگەن شېئىرنى، ساتۇق بۇغرا قاراخان بولسا شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم يازغان «تۈركىستانغا قايتىمىز» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى دېكلىماتسىيە قىلىپ بەردى.
نورۇز مۇراسىمىغا ساھىبخانلىق قىلغان ئەنقەرە كېچىئۆرەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى تۇرغۇت ئالتىنئوق ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرى ۋە دۇنيادىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
21-مارت چۈش سائەت 12 دە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيىتىگە كېچىئۆرەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى تۇرغۇت ئالتىنئوق ئەپەندى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كېچىئۆرەن رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى تۇرغۇت ئالتىنئوق ئەپەندى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى قىلىپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى، مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى بۈگۈنكى ئېغىر كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى تەۋسىيە قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۇرغۇت ئالتىنئوق ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى ئالاھىدە قۇتلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغانلىقىنى، بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدە تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بويۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى 21-مارت كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى جانلىق بىر شەكىلدە ئاڭلاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
نورۇز پائالىيىتى ھەرقايسى جايلاردا شاد-خۇراملىق ئاساس قىلىنغان ھەر خىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپىنچە جايلىرىدا بىر يۇرت ياكى بىر مەھەللىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھاۋالىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر خەلقى ھازىر ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەخسۇس تەبرىك باياناتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى. بۇ يىللىق نورۇز بايرىمى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل، بۇرسا ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان ھالدا تۈرلۈك مۇراسىملار بىلەن تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.