«تۈركىيە سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

20-مارت كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان قەبىھ سىياسەتلىرىگە دىققەت تارتىش مەقسىتىدە تور يىغىنى چاقىرىلغان. تۈركىيەدىكى سائادەت پارتىيەسىنىڭ ياۋروپادىكى شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان «تۈركىيە سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىندا سائادەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سامى تەمەل، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىمچى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان سائادەت پارتىيەسى ياشلار ياچېيكىسى مەسئۇلى مەرۋە نالبانت يىغىننىڭ كىرىش سۆزىدە 21-يۈز يىلدىمۇ خىتاينىڭ ئىشغالىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار باشتا تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن، بۇ پۇرسەتتە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارقىدىن سائادەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سامى تەمەل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئۈچۈن مۇھىم ئىككى يەر بار، بىرى تۈركىيە يەنە بىرى غەرب دۆلەتلىرىدۇر. غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش مەقسىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى پارلامېنتلىرىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پەقەتلا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قۇربانلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇندىن 6 ئاي بۇرۇن تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كىرگۈزمەي ئايرودرومدىن قايتۇرۇۋەتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئالدىمىزدىكى يىل تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى ئۈچۈنمۇ دەۋر بۆلگۈچ بولىدۇ».

ئارقىدىن كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىمچى ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر تراگېدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەزى قارارلارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى تۈركىيە بۇلارغا قاتناشمايۋاتىدۇ. بۇ بىز تۈرك خەلقىنى نومۇس قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ خەلقنىڭ قاتتىق بېسىمىغا چىدىيالمىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 43 دۆلەت قول قويغان چاقىرىق خېتىگە قول قويدى. بۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئەھۋال».

ئۈمىد ياردىمچى ئەپەندى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندا چاقىرىلغان يىغىنىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق قۇرۇلۇش، 54 مۇسۇلمان دۆلەت بۇنىڭغا ئەزا. ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى شۇكى ھازىرغىچە چىقارغان قارارلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايغا پايدىلىق. داۋاملىق›خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز‹دېگەندەك باياناتلارنى بېرىدۇ. ئەسلى مەسىلە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسى ئەمەس. خىتاي ئۇيغۇرلار باشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەڭ ۋەھىمە بولغىنى پاكىستاندا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە يىغىندا سۆز قىلىشى. شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنى، ئىسلام دىنىنى يوق قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتنىڭ مىنىستىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى بەكلا خاتا. تۈركىيە باشتا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك».

يىغىن ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىن قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىدەك پىكىر-تەكلىپلەر بېرىلدى.