قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئىسلامجان تۈركىيە چېگراسىدا توسۇپ قېلىنغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.03.27
Islamjan-Yaqupof-Oghli-Bilen.jpg قازاقىستان پۇقراسى ئىسلامجان ياقۇپوف ئوغلى بىلەن .
Social Media

يېقىنقى مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پاسپورتى بىلەن تۈركىيە چېگراسىغا كىرىش جەريانىدا توسالغۇلارغا ئۇچرىغاندىن سىرت، قازاقىستان پاسپورتى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا توسۇپ قېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. قازاقىستان پۇقراسى ئىسلامجان ياقۇپوف، 3 ئاي ئىلگىرى تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئايالى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن، 9 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ 24-مارت قازاقىستان چېگراسىدىن توسالغۇسىز ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايروپورتىدا تۈرك چېگرا ساقچىلىرى ئۇنى توسۇپ قالغان. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەپسىلىي خەۋەر بېرىدۇ.

ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايروپورتىدىن بىز بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئىسلامجان ياقۇپوف قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ-24-مارت كۈنى ئاتا تۈرك ئايروپورتىدا تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمەي توسۇپ قېلىنغان. ھازىر 20 دىن ئارتۇق توسۇپ قېلىنغان باشقا دۆلەت پۇقرالىرى بىلەن بىر زالدا يېتىۋاتقىنىغا 3 كۈن بولغان ئىسلامجان ئۆزى توسۇپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بىللە كەلگەن ئوغلىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە يول قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىسلامجاننى توسۇپ قالغان تۈركىيە تاموژنا خادىملىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسلامجاننىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمەسلىكىگە ئۇنىڭ پاسپورتىغا «تېررورلۇق گۇماندارى» دېگەن بەلگە قويۇلغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئىسلامجان ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بىر قانچە يىل نورۋېگىيەدە ياشاش جەريانىدا شۇ جايدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك قازاقىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ سوئال سوراق ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىكەن.

بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى، يەنى بۇلتۇر 12-ئايدا قازاقىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەن ئىسلامجاننىڭ ئايالى مۇيەسسەر ئۈرۈمچىلىك بولۇپ، گەرچە ئۇ قازاقىستان پۇقراسى ئىسلامجان بىلەن توي قىلىپ 10 يىلدىن بېرى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ كەلگەن. ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە، قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان خىتاي پاسپورتىغا ئىگە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭمۇ قايتۇرۇلۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇشقا 3 ئاي قالغاندا تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن. 

مۇيەسسەر گەرچە 9 ياشلىق ئوغلى بىلەن سالامەت جەم بولغان بولسىمۇ، لېكىن يولدىشىغا قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ «تېررور گۇمانى» نى تېڭىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قازاقىستانغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن بارلىق ئامالىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ياۋروپادا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىق ئاڭلىتىۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى، خۇددى ئىسلامجانغا ئوخشاشلا قازاقىستاندا بىخەتەر ياشىيالمىغانلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەگە كەلگەن قازاقىستان پۇقراسىدۇر. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر بېكئالى ئۆزىنىڭ ئىسلامجان بىلەن قازاقىستاندىن تارتىپ تونۇشىدىغانلىقىنى، ئائىلىۋى دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ ئىنتايىن دىيانەتلىك، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى كۆرسە ياردىمىنى ئايىمايدىغان ياخشى ئىنسانلىقىغا، شۇنداقلا «تېررور گۇمانى» بىلەن توسۇپ قېلىنىشىنىڭ «بىر تۆھمەت» ئىكەنلىكىگە شەخسەن ئۆزى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى. 

بىز يەنە ئىسلامجان ئىلگىرى نورۋېگىيەدە ياشىغان مەزگىلىدە ئەزا بولغان ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىسى سەمەت ئابلادىن، ئىسلامجان ياقۇپوف ھەققىدە سورىدۇق.

سەمەت ئابلا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىسلامجان ياقۇپوف بىلەن 2004-يىلى ئۇ نورۋېگىيەگە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن تونۇشقانلىقى ۋە ئۇ نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئىنتايىن ئېجىل ئۆتۈپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. سەمەت ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە ئىسلامجان نورۋېگىيەدە ياشىغان مەزگىلىدە ھېچقانداق قانۇنسىز بىر پائالىيەت ياكى تەشكىلاتقا قاتناشمىغان، 2008-يىللىرى توي قىلىش ئۈچۈن نورۋېگىيەدىن قازاقىستانغا قايتىپ كەتكەن. 

ئىسلامجان ياقۇپوف، قازاقىستاندىن تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمەي چېگرادا تۇتۇپ قېلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر ئەمەس، تۈركىيە چېگرا باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇنىڭ ئالدىدا، لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىت ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئايالى روشەنگۈل ۋە ئىككى ياشلىق ئوغلى مۇھەممەت، بۇلتۇر 16-سېنتەبىر قازاقىستاندىن تۈركىيەگە كىرىشىدە، ئىستانبۇل ئايرودرومىدىكى تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى خادىملىرى، ئۇلارنى، «پاسپورتى يالغان» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قالغان ۋە بۇ دۇنيا مەتبۇئاتىدا غۇلغۇلا قوزغاپ 3 كۈندىن كېيىن ئۇلار تۈركىيەگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

ئىسلامجاننىڭ چېگرادا توسۇپ قېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ جەم بولۇشى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاي پاسپورتىغا ئىگە ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاقىستاندىكى قىسمەن پائالىيەتچان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يېقىندىن بۇيان ئاساسسىز ۋە ئىسپاتسىز ھالدا «تېررور گۇماندارى» دېگەن كاتېگورىيەگە كىرىپ قېلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ئىكەن. ھىدايەتۇللا ئەپەندىنىڭ ئىسلامجان ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ۋە ئۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسىز بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىگىلىگەن دەلىللىرىگە قارىغاندىمۇ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ پاناھلىنالماسلىقى ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلالماسلىقى ئۈچۈن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئىشلىتىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى دەپ چۈشىنىشكە بولىدىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىقنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە» ئورتاق قارشى تۇرۇش پۈتۈشىمى ھاسىل قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.