تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئاساسىي تېما قىلىنغان «بۇنىڭ ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 22-مارت كۈنى تۇنجى قېتىم ئىستانبۇل تاكسىمدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئاتلەس كىنوخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم توقۇنۇش ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان «ئىنسان كىنو ئەترىتى» (Human Movie Team) نىڭ پىدائىيلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. فىلىم ئىشلىگۈچى ئەترەتنىڭ پىدائىيلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشقا تىرىشقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا مەزكۇر فىلىمنىڭ ئەنقەرەدە ئىككىنچى قېتىملىق قويۇلۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ھۆججەتلىك فىلىمدا، خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كرىزىسلارغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەسى تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرى ۋە ئەسلىمىلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمغا يازغۇچى ۋە تەجرىبىلىك رېژىسسور تۈلاي گۆكچىمەن خانىم رىژىسسورلۇق قىلغان.

رېژىسسور تۈلاي گۆكچىمەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە، يېرۇسالېم ۋە ئاراكان، يەنى روھىنگا ۋە باشقا مۇسۇلمانلار رايونلىرى ھەققىدە يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىم تەييارلاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بۇ يۈرۈشلۈكنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر توپلاش جەريانىدا نۇرغۇن شاھىت ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «فىلىمدا كىچىك بالىلارنىڭ پاختا ئېتىزلىرىدا پاختا يىغىشقا مەجبۇرلىنىشىدىن خىتاي قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغىچە، تۈرمىدىكى ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قىلمىشىدىن ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىگىچە بولغان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدۇق. بۇ، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم بۇ خىل ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى. فىلىمدا بىز گۇۋاھچىلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىپادىسىنى سىمۋوللار ۋە كارتون قىستۇرمىلار ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈلگەن شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتۇق».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلىمىز. بىز ئۇلارنى قوللايمىز. بۇ بىز ئۈچۈن بىر باشلىنىش. بىز ئۆزىمىزگە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق».
گۆكچىمەن خانىم 20 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يورۇقلۇققا چىقارغان بولۇپ، يېقىنقى 15 يىلدا ئۇرۇش، توقۇنۇش، ئىشغالىيەت ۋە ئاپەت رايونلىرىغا بېرىپ، مەزكۇر رايونلارنىڭ ئەھۋالىنى ھۆججەتلىك فىلىم قېلىپ ئىشلىگەن.
گۆكچىمەن خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى تاللىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بىز دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى تاللىدۇق. قىرغىنچىلىقلارغا قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. دۇنيانىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىققا تېخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىشلەشنى تاللىدۇق».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئىنسان كىنو ئەترىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇستەقىل ۋە ئۆزىمىزگە خاس بىر ئاۋاز يارىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ ئاۋازنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىز بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە بۇ زۇلۇمنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلارغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشىمىز».
«ئىنسان كىنو ئەترىتى» نىڭ باش تەھرىرى بەتۈل دوئان خانىم ئېلخەت ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن بۇ خىل مەدەنىيەت-سەنئەت ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقى تۈركىستانلىقلار پۈتۈن دۇنيا سۈكۈت قىلغان بىر دۆلەتكە قارشى ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچى بولغان بىر خەلق. زامانىۋى دەۋردە قوللىنىلغان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇنيا يېتەرلىك ئىنكاس بىلدۈرمەيۋاتىدۇ. بىز بۇ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە «بۇنىڭ ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىدۇق. بۇ خىل ھۆججەتلىك فىلىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتايغا خەلقئارا جەمئىيەت كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە كونكرېت قەدەم ئېلىشى كېرەك».
42 مىنۇتلۇق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم مۇھاجىرەتتىكى ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشى ۋە گۇۋاھلىقىنى ئاساسى تېما قىلغان. فىلىمدا 1949-يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئام ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىلىرى ۋە ۋەزىيەت چۈشەندۈرۈلگەن كارتون قىستۇرمىلار بىلەن تەپسىلىي ۋە تەسىرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. ھۆججەتلىك فىلىمدىكى ئاساسىي پېرسۇناژلاردىن بىرى بولغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەريەم سۇلتان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ۋە ئۆز ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسىنى ئاخباراتقا ئاڭلىتىشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ھەم ئۆزى چوڭ بولغان يۇرتلاردا ھەم ھازىر ياشاۋاتقان ماكانلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەتنىڭ ھەرخىل شەكىللەردىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇنى ئاڭقىرىش ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە شۇ جەمئىيەتلەردىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارغا ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان تىلدا بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ ئاڭلىتىشلارنى بۇ غايەت زور ھەق-تەلەپ داۋاسىنىڭ كونكرېت ئىسپاتى قىلىش بىر قارشىلىق كۆرسىتىش ئىپادىسى ۋە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئىنكاستۇر».
ھۆججەتلىك فىلىم ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكىللىرىنى ۋە مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرىدىغان، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان يېڭى ئالاقە دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم خەلقنى تەربىيەلەش ۋە خەۋەرلەندۈرۈش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۈچلۈك جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈشتە يېڭى ئالاقە قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.