«ئۇلۇغ تۈركىستان تويى» ناملىق خەلقئارالىق مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.04.26
2019.04.26

تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ تۈركىستان تويى» ناملىق خەلقئارالىق مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 12دىن كەچ سائەت 8 گىچە داۋاملاشقان پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلغان، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى تونۇشتۇرغان. بۇلاردىن سىرت ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقىۋاتقان كىتابلار ۋە ژۇرنال-گېزىتلارنى كۆرگەزمە قىلغان. ئىستانبۇلدىن كەلگەن بالىلار سەنئەت ئۆمىكى ئويۇن قويغان.
25-كۈنى يېرىم كۈن داۋاملاشقان پائالىيەتكە بۇرسا شەھرىنىڭ باشلىقى مۇستافا دۈندار ئەپەندى ۋە ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشىپ سۆز قىلغان ۋە نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالغان. دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن ئىكەنلىكىنى كىشىلەر ھىس قىلسۇن، ياشلار ئۆزارا چۈشىنىش ھاسىل قىلسۇن، قېرىنداشلار ئۆزارا تونۇشسۇن، ئۆزارا دەرتلىرىنى ئاڭلىسۇن دەپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. مەقسىتىمىزگە يەتتۇق كۆپ ئادەم قاتناشتى. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا تەلەپلەر كەلدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ قاتناشتى».
بىز پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق ئىلمى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى زەينەپ ئەنۋەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ، فېستىۋال مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى قويغانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇرسا تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان سانائەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ شەھەردىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىرلىكتە 2 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. كېيىن بۇرسا ئوسمانغازى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مۇستافا دۈندار ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان. نۇراي ئەخمەت بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بۇرسادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 2 يىلدىن بۇيان ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇرسادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم ئۆزلىرىنىڭ بۇرسادىكى ئالىي مەكتەپتىن باشلانغۇچ مەكتەپكىچە ھەممە يەردە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بۇرسا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.