قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى رامازان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى 28-ئاپرېل كۈنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ بىزنىڭ «بۇ مۇبارەك رامازان ئېيىدا ئۇيغۇرلار يەنىلا بېسىم ئاستىدا دىنىي ئىبادىتىنى بىجا كەلتۈرەلمەيۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەۋاسى ئەمەس، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋاسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەم مەدىنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. خىتاي ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. قىسقىسى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە باشقا سورۇنلاردا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. پارلامېنتتا بىزنىڭ پارتىيەمىزدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى ئاز بولغاچقا، قانۇن چىقىرالمايمىز، ئەمما قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ يەنە قىلىمىز.»
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىدىن جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي ئەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى سورىغانلىقىنى، لېكىن قايىل قىلارلىق جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىر قانچە قېتىم پارتىيەمىزنى زىيارەت قىلدى. مەن خىتاي ئەلچىسىدىن ئىنسانلىققا يات بولغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى سورىدىم. ئىككىنچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي ئەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى سورىدىم. لېكىن خىتاي ئەلچىسى قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمىدى. مەن خىتاي ئەلچىسىگە ئۇيغۇرلارغا بارلىق ھەق-ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمان بولالىشى كېرەكلىكىنى دېدىم. مەن ئۇنىڭغا: ‹شەرقىي تۈركىستان بىز تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى، سىلەر بېسىۋېلشتىن بۇرۇن ئۇ يەردە مۇستەقىل دۆلەت بار ئىدى. شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن، سىلەر ئۇ يەردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى بېرىشىڭلار كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلمىساڭلار، كېلەچەكتە ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىسىلەر، › دېدىم.»
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى «بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغىچە، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا خاتىمە بەرگىچە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى داۋاملىشىدۇ. بۇ دەۋانى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلار بۇ دەۋا يولىدا زور بەدەل تۆلىمەكتە. بۈگۈن 3 مىليون ئەتراپىدا قېرىندىشىمىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا، بۇنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. مەن ئەركىن ئاسيا راديوسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلىش ئالدىدا تۇرغان روزى ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن!»
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى تۈركىيەدىكى كىچىك پارتىيەلەردىن بىرسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئاۋازىنى چىقىرىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، بۇ پارتىيە ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى مەزكۇر پارتىيە باشقا چوڭ پارتىيەلەردەك ھەم تۈرك دۇنياسىغا ھەم ئىسلام دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان بىر سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە باشقا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.