كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنى 14-ماي كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە چېتىشلىقى بار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ئەزالىرى ھەم ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىشىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نېمە مەقسەتتە بولسا بولسۇن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمدىن خەۋەردار، بۇ زۇلۇمغا قارىتا قاراپ تۇرماسلىققا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دەۋاسى خەلقئارادا رەسمىيلەشكەن بولىدۇ».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئەمدى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆز سۈكۈتىنى بۇزۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمدى تۈركىيەمۇ بىر نەرسىلەر دېيىشى كېرەك. ھېچ بولمىسا كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتىن جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملار توختىتىلسۇن دېيىشى كېرەك. بىز پارلامېنتتا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا 1979-يىلى تىبەت توغرىسىدا، 2001-يىلىدا بولسا تىبەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمدى بولسا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 14-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» كېلەركى قېتىملىق جەريانى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇنداقتا بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ماگنىتسكىي قانۇنىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىمۇ ماقۇللىتىشقا تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1952-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسى ئېلىپ بېرىلىپ كېلىنمەكتە. تۈركىيە 2010-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللارمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىر بولمىسىمۇ كېلەچەكتە بۇنداق بىر قانۇن ماقۇللاش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن ۋاسىتىسىز ۋە ۋاسىتىلىك قولى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەسئۇل مەخسۇس خادىم بەلگىلەش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تونۇشتۇرۇلغان ئىككى مۇھىم قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرى بولۇپ، «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش قانۇن لايىھەسى» تېخى ماقۇللۇققا قويۇلمىغان.
0:00 / 0:00