تۈركىيەدىكى 10 سىياسىي پارتىيە «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلىماقتا» تېمىسىدا ئورتاق مەتبۇئات يىغىنى چاقىردى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە لەنەت ئوقۇماقتا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن جاكارلىماقتا.

17-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ 4-چوڭ شەھىرى بولغان بۇرسا شەھىرىدە 10 سىياسىي پارتىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە لەنەت ئوقۇش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلىماقتا» ناملىق مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. بۇرسا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى «15-ئىيۇل دېموكراتىيە» مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، دېموكرات پارتىيەسى، دېموكراتىيەلىك سول پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى، دەۋا پارتىيەسى، يەنىدەن رەفاھ پارتىيەسى، تۈركىيەنى ئۆزگەرتىش پارتىيەسى ۋە مەملىكەت پارتىيەسىنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدىكى ۋەكىللىرى، بەزى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. بۇلاردىن سىرت ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە خەلق-ئاممىسىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

10 سىياسىي پارتىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە لەنەت ئوقۇش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن بۇرسا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلىماقتا» ناملىق مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 17-ماي، تۈركىيە.

يىغىن رىياسەتچىسى مۇنداق دېدى: «›شەرقىي تۈركىستان قان يىغلىماقتا› ماۋزۇلۇق مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنىغا خۇش كېلىپسىلەر. بۇ 10 سىياسىي پارتىيە ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان يىغىن. مەن 10 پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمەن. ئۇلار شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ.»

بۇرسانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان چوڭ مەيدانغا قۇرۇلغان سەھنىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، بىرىنچى بولۇپ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ بۇرسادىكى ۋەكىلى ئىسمەت قاراجا ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ۋە باشقا مۇسۇلمان زېمىنلىرىدا زۇلۇم داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە قان ئېقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى چىقىش كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق ۋەزىپىسىدۇر. ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى ئەيىبلەش ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، ھۆكۈمەت بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كونكرېت ئىش قىلىشى كېرەك. ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»

ئارقىدىن مەيداندا يىغىلغان يىغىلىش ئەھلىگە ئىيى پارتىيەسىنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدىكى مەسئۇلى سەلچۇق تۈركوغلۇ ئەپەندى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن قىممەتلىك يۇرتداشلىرىم ھەممىڭلار خۇش كېلىپسىلەر. زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ مىللىتىنى سوراشقا بولمايدۇ. كىم زۇلۇم قىلسا قىلسۇن، قايسى مىللەت زۇلۇمغا ئۇچرىسا ئۇچرىسۇن، زۇلۇم قىلغانلارغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا پەقەتلا لەنەت ئوقۇش كۇپايە بولمايدۇ. ھۆكۈمەت سەمىمىي بولۇپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. يوقالسۇن كوممۇنىست خىتاي.»

كېيىن دېموكراتىك سول پارتىيەسىنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدىكى مەسئۇلى جاھىت ئاقىنجى ئەپەندى، پارتىيەسى نامىدىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2020-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بېكىتىلگەنىدى. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ خىتايغا قارشى چىقمىغان ئادەم بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ ھېساب بېرەلمەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 39 دۆلەت ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قول قويدى، تۈركىيە قول قويمىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر بۇنداق تۇرۇۋېرىدىغان بولسا شەرقىي تۈركىستان ئېقىۋاتقان قانغا، زۇلۇمغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ.»

مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنىدا 10 سىياسىي پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم ئايرىم سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئورتاق بايانات ئوقۇپ ئۆتۈلدى. باياناتتا خىتاي قاتتىق ئەيىبلەنگەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلغان.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتا زور كۈچ چىقارغان ئىيى پارتىيەسىنىڭ بۇرسادىكى مەسئۇلى سەلچۇق تۈركوغلۇ ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيەتكە جەمئىي 1500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئورتاق مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئىدى. قاتناشقان 10 پارتىيىنىڭ ھەممىسى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىدى. پائالىيىتىمىزگە ۋىلايىتىمىزدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورۇن بەردى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قاتناشمىدى، ياخشى پائالىيەت بولدى.»

بۇ، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم بۇنداق ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى كۆپ ساندا پارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى بولۇپ، بۇ زور ئىلگىرىلەش ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.