ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قوش ئۆلچەم ۋە خىتاينىڭ پەلەستىن تاكتىكىسى
2021.05.22

پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كرىزىسقا تۈركىيەدە ھۆكۈمەت ۋە خەلق قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرگەن بولۇپ، كورونا ۋىرۇسى تەدبىرلىرى ئىچىدە كوچىغا چىقىش چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە پەلەستىننى قوللاش ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشلىرى تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، پەلەستىنگە كۆرسەتكەن سەزگۈرلۈكنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىلمەسلىكى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىن كىيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەلەستىن داۋاسىنىڭ ئەڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قاتتىق تەنقىد قىلىشى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ يەر ئالغان بولۇپ، ئەردوغان پەلەستىن داۋاسى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «پەلەستىندە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە مەزلۇمغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەش كېرەك بولسا بۇنى تۆلەشتىن ئۆزىمىزنى تارتمايمىز.»
ئەردوغان نىگېرىيە، رۇسىيە، ئىراق، قىرغىزىستان، ھىندونېزىيە، ئىئوردانىيە، قاتار قاتارلىق ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسى دۆلەتلىرى پرېزىدېنتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە تېلېفون قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىدە سىياسىي پىكىر ئورتاقلىقى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن جىددىي دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
ئەردوغان يەنە پەلەستىن مەسىلىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بايدېن قانلىق قولىڭىز بىلەن تارىخ يېزىۋاتىسىز، پەلەستىن تۇپراقلىرى قان بىلەن يۇيۇلۇۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتىسىز.»
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدىكى پەرقلىق پوزىتسىيەسى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان بولۇپ، 17-ماي كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلغان مەرال ئاقشەنەر خانىم ئەردوغاننىڭ پەلەستىنگە كۆرسەتكەن سەزگۈرلۈكىنى «شەرقى تۈركىستان» غا كۆرسەتمىگەنلىكىنى، ئەردوغاننىڭ «خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئېغىزىنىمۇ ئېچىپ قويمىغانلىقىنى» ئېيتقان.
20-ماي كۈنى تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيىگە ۋارقىراپ-جارقىراپ، خىتاينىڭ ئالدا بويۇن قىسىپ تۇرغانلىقىنى بىچارىلىك دەپ ئاتىغان.
ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىم تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بارلىقىنى، پۈتۈن پارتىيىلەرنىڭ بىردەك پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بولسا دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان پارتىيىلەرنىڭ ئادەتتە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بەكرەك قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ پەرقلىق پوزىتسىيەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، تۈركىيە پەلەستىنگە يېقىن بولغانلىقى، ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن ئورتاق تارىخى بولغانلىقى، ئەرەبلەرنىڭ سانى ۋە تەسىر كۈچى چوڭ بولغانلىقى ۋە پەلەستىن داۋاسى ئۇزۇن يىللىق خەلقئارالىق داۋا بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركلەر پەلەستىن ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلىدۇ، يەنى كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساس بار. ئىككىنچىدىن، پەلەستىن مەسىلىسى ھەر قېتىم تۈركىيەدە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر ئۈچۈن ئۆزىگە قوللىغۇچى توپلاش پۇرسىتى بولۇپ كېلىگىلىك، بۇ باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىمۇ شۇنداق. بۇ يەردە بىر سىياسىي مەقسەت بار. ئۈچىنچى، پەلەستىن مەسىلىسىگە ساھىب چىقىش بەزىدە مۇسۇلمان دۇنياسىغا لىدىر بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك تەسىر پەيدا قىلىدۇ.»
مەۋلان ئەپەندىم يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە پەلەستىن مەسىلىسىدەك تەسىر قوزغىيالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئەرەبلەردەك تەسىر كۈچكە ئېگە ئەمەس، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە سايلام ۋە سىياسەتكە كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي ئېقىم مېدىيالارغا كۆپ چىقارمايدۇ، پائالىيەتلەرنى بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە چەكلەپ قويىدۇ.»
پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش يېڭى بىر دىپلوماتىك مۇسابىقىسىگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن سىياسىي مەنپەئىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىدىن كىيىن خىتاي پۈتۈن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىللىنىپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا پەلەستىن مەسىلىسىنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىللە پەلەستىن مەسىلىسى ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئەتراپىغا توپلاش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە پەلەستىن مەسىلىسى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇرسا ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىنى ئاخىرى چىقمايدىغان جەڭگى-جېدەلگە سۆرەپ ئەكىرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ پاتقاققا پېتىپ قىلىشىنىڭ خىتايغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا قارىتا تېزدىن ھەل قىلىنىشنىڭ ھەم دۇنياغا ھەم ئۇيغۇرلارغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا خىتاينىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىن پايدىللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن مەسىلىسى قىزىق نۇقتا بولسىلا خىتاي ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ مەسىلىنى كېڭەيتىشكە بۇرۇندىن تارتىپ ئاكتىپ ئارىلىشىپ كەلگەن. شۇڭا پەلەستىن مەسىلىسىدىن خىتاي زور دەرىجىدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. مىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىدىغان شەخسىي تەۋسىيەم بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز بۇ مەسىلىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە پەلەستىن مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىش بولىشى كېرەك.»
گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاينىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىللىرى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ۋە جەمئىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي شەخسلەرنىڭ يەڭگىلتەكلىك بىلەن پەلەستىننى ياكى ئىسرائىلىيەنى قوللاش تەشەببۇسىنى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى خەتەرلىك دەپ ئويلايمەن. بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىسىز. بىز پەلەستىن خەلقىگە ئۆزىمىزنىڭ نامىدىن ھېسداشلىق قىلساق بولىدۇ. لېكىن مىللەتنىڭ نامىدىن قىلغىنىمىزدا بىزنىڭ ئۇيغۇر داۋايىمىزدا پاسسىپ رول ئويناپ قىلىشى مۇمكىن.»
ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ۋە خاماس قوراللىق تەشكىلاتى ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تىنجىشى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە پايدىلىق دەپ قارالماقتا.