ئىسمائىل قونجۇق: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالماسلىقى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.05.29
ismayil-qunjuq.jpg تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە.
RFA/Erkin Tarim

كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنى 27-ماي كۈنى «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىن 413 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ خەۋەر تۈرك ئاخباراتلىرىدىمۇ تارقىتىلدى. بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ئەزالىرى ھەم ئۇيغۇرلار ھەتتا تۈرك ئاممىسى ئارىسىدا تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش، دىنداش بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق بىر قانۇن چىقىرىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلاندى.

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى پروفېسسورى ئىلياس دوغان، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بۇ قانۇن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنىشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ۋە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بولغان ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرىگىمۇ تەسىرى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دەۋاسى خەلقئارادا رەسمىيلەشكەن بولدى».

پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ياخشى» ارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز، ياخشى، يەنى ‹ئىيى پارتىيەسى›بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپ لايىھەسىنى سۇندۇق. ئەپسۇسكى ئادالەت ۋە تەرەققىيلا پارتىيەسى بىلەن ئۇنىڭ شېرىكىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىندى. بىز بۇندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەكلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىمىز. ھۆكۈمەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن دوست بولىمەن دەپ قۇربان قىلىۋېتەمدۇ، ئۇ يەردە بولۇۋاتقان زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالامدۇ بىلمەيمىز. ئەمما بىز ‹ياخشى› پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالماسلىقى كېرەك».

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئامېرىكادا قوبۇل قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇھىم بىر ئىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولغاچقا بۇ خىل قانۇنلارنى دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنلاردىنمۇ ئۈستۈن كۆرىدۇ. ئامېرىكادىكى سوت ئىدارىلىرىمۇ شۇنداق ئىجرا قىلىدۇ، بۇ قانۇن ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى بىلەن چېتىشلىقى بار بولغان كىشى ۋە شىركەتلەر قارىتا بەزى چەكلىمىلەرنى قويالايدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قورقۇتىدۇ».

ئۆتكەن يىلى «ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەلەپ سۇنغانىدى. بۇ تەكلىپكە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى. پروفېسسور ئىلياس دوغان ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قانۇن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى سۇنسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى سۇنۇشقا بىر توسالغۇ يوق، لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى كېرەك، پەقەتلا ئۆكتىچى ارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن بۇنداق بىر قانۇننى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ. بۇنداق بىر قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىددىيلەشتۈرمەيدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم بىلەن چېتىشلىقى بار كىشىلەرنىمۇ جىددىيلەشتۈرمەيدۇ».

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئامېرىكادا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈركىيەدە ئىجابىي تەسىرى بولىدىغانلىقىنى، ھازىرچە تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىنىشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 1979-يىلى تەيۋەن توغرىسىدا، 2001-يىلىدا بولسا تىبەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.