مۇستافا دەستىچى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمىسەڭ مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىمەن دېيىشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-06-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى، تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلىمەكتە.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى، تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلىمەكتە.
RFA/Erkin Tarim

27-ماي كۈنى «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىن 413 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى پارتىيە، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ھەتتا تۈرك ئاممىسى ئاممىۋى ئالاقە تورلىرى، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەردە تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ۋە دىنداش بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكادىن بۇرۇن بۇنداق بىر قانۇن چىقىرىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا ئۇنداق قىلمىدى؟ ئەمدى تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلاندى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى، تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا «ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمىسەڭ دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىمەن دېيىشى كېرەكلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ئالدى بىلەن «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«
«بۈ كۈنلەردە ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كېڭەش پالاتاسىدا، ئارقىدىن ئاۋام پالاتاسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ‹2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىي قانۇن لايىھەسى› نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ناھايىتى مۇھىم. بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزسە ئۇ دۆلەتنى قوللايمىز. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي باسقۇنچىلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا زۇلۇم ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى تۈركىيەدە بەزى كىشىلەر، باسقۇنچىلارغا قارشى تۇرۇش دېگەندە پەقەتلا ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇش دەپ چۈشىنىدۇ. بۇ خاتا كۆز قاراش، بىز رۇس ۋە خىتاي باسقۇنچىلىرىغىمۇ قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى قوللايمىز».

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئەسلىدە ئامېرىكا قوشما شتاتىدىن بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى چىققان بولسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن بۇرۇن مۇشۇنداق بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولسا، ھەتتا خىتايغا ئېمبارگو ئېلىپ بارىدىغان بىر قارار ماقۇللىغان بولسا بۇ تۈركىيەگە يارىشاتتى. تۈرك خەلقىنىڭ ئارزۇسىمۇ مۇشۇنداق، خۇدا بۇيرۇسا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇمۇ بولار».

«6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى خىزمەت باشلايدۇ؟ پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرەمسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا، مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋە پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، تۈركىيە پارلامېنتىنى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ ھەقتە بىر ئىشلار قىلىشقا ئۈندەيمىز ۋە باشلامچىلىق قىلىمىز».

«ھۆرمەتلىك بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك بۇندىن 6 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان كورونا ۋىرۇسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 184 دۆلەتكە يامراپ، 350 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئىككى يېرىم مىليون ئىنسان كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملاندى. ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر خىتاي دۆلىتى كورونا ۋىرۇسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىدى دەپ خىتاينى ئەيىبلەۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنىڭدا گۇمان بار. كورونا ۋىرۇسى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولدى. دۇنيادا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ۋىرۇسنى كېچىكىپ ئاشكارىلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يەنە بىرى كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامرىدى. لېكىن، خىتاينىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرىدە كۆرۈلمىدى. خىتاينىڭ ۋاقتىدا بىلدۈرمىگەنلىكى ۋە ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدە گۇمان بار. خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىغانلىقىدا خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ھازىر پۈتۈن دۇنيا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ جىددىيچىلىك ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتايدىن ھېساب سورايدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچىمۇ خىتاينىڭ بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى بار، ھېساب بېرىشى كېرەك».

«ۋۇخەندە كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ خىتاي كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ خىتاي زۇلۇمىنىڭ باشقا بىر شەكلىدۇر. دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن بارلىق زالىملار، تاجاۋۇزچىلار ۋە دىكتاتورلار مۇشۇنداق قىلغان. خىتايدىمۇ مۇشۇنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتاي مىللىتىنى ۋىرۇستىن قوغداۋاتقان خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۇ يەرلەرگە يۆتكىگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىش سىياسىتى. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۆلسە، ئۇيغۇرلار ئۆلسۇن، خىتايلار ئۆلمىسۇن دەۋاتقان گەپ. بۇمۇ بىر ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ».

«بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ھازىر تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداش پارتىيە. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى، يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «دۆلەت پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ۋە باشقا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە داۋاملىق ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان بىر قارار ھەتتا ئېمبارگو قارارى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كەلدى. بىزنىڭ پارتىيە پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىلا ئەمەس، قىرىم تاتارلىرى، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەر مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز قەيەردە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلق بولسا ئۇلارنى قوللايمىز. بىز بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتىمىز».

«ئۇنداقتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ زۇلۇمغا قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇشىنى ۋە جىددىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەرمېنىيە قاراباغنى بېسىۋالغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەرمېنىيە بىلە دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولسا خىتايغىمۇ ئوخشاشلا ‹ئەگەر سەن شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمىسەڭ سەن بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىمەن› دېيىشى كېرەك».

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈركىيەدە ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان. مەزكۇر پارتىيە ھازىرغىچە كۆپ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدىن ئورۇن ئالدى. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىنى ئاڭلىدىڭلار.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت