تۈركىيەنىڭ شەھەرلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنتلىرىدىكى پارتىيە ۋەكىللىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-06-09
Share
تۈركىيەنىڭ شەھەرلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنتلىرىدىكى پارتىيە ۋەكىللىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى تۈركىيە قاش شەھەرلىك پارلامېنتتىكى 3 سىياسىي پارتىيە ئورتاق ئېلان قىلغان بايانات. 2021-يىلى 8-ئىيۇن.
RFA/Erkin Tarim

ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقان پەيتتە، تۈركىيەدىكى بەزى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنتلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇلار باياناتلىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتاليا شەھرىنىڭ قاش رايونلۇق پارلامېنتىدىكى مىللەت ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئىزمىر شەھىرىنىڭ بورنوۋا رايونلۇق پارلامېنتتىكى ھۆكۈمەتكە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مىللەت ئىتتىپاقى، يەنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن «يئىيى» پارتىيەسىگە مەنسۇپ ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى ئورتاق تەييارلىغان باياناتنى شەھەرلىك پارلامېنتتا ئوقۇغان. بۇلاردىن سىرت قارا دېڭىز رايونىدىكى رىزە ۋىلايىتى فىندىقلى شەھەرلىك پارلامېنتىدىكى يىغىندا شەھەر باشلىقى چاۋۇشئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ، پارلامېنت نامىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 8-ئىيۇن كۈنى قاش شەھەرلىك پارلامېنتىدىكى 12 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قول قويۇپ ئورتاق ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى 2014-يىلىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاساس قىلغان بارلىق تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. ئەپسۇسكى، خىتاي سادىر قىلىۋاتقان مەزكۇر جىنايەت كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلماقتا. خىتاي تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، مىليونلىغان قېرىندىشىمىزنى لاگېرلارغا تاشلىغان بولۇپ، ‹قايتا تەربىيەلەش› باھانىسى بىلەن ئۇلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلەنمەكتە. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز لاگېرلاردا ئىسكەنجە ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.»

قاش شەھەرلىك پارلامېنتتىكى 3 سىياسىي پارتىيە ئورتاق ئېلان قىلغان بايانات مۇنداق ئاخىرلاشقان: «بىز مىللەت ئىتتىپاقى پارتىيەلەرگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى داۋام قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى تۈگىگۈچە، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىمىز.»

بۇنىڭدىن باشقا «گەرچەك خەبەر» ناملىق تور گېزىتىنىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىزمىر بورنوۋا شەھەرلىك پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى باھار گۈرسۇل خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىدا ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئارقىدىنلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، قەيەردە ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇلاردىن سىرت مالاتيا ۋىلايىتىنىڭ باتتالگازى شەھەرلىك پارلامېنتتىكى پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئالى گۆرگەچ ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسى نامىدىن تەييارلىغان ئورتاق باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. «مالاتيا خەۋەرلىرى» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يېزىلىشىچە، پارلامېنت ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋەرمەي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قاش شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا باسقاق ئەپەندى قاش شەھرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ھەر دائىم قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن چوڭ بولغان مىللەتچىلەرمىز. بىز ئەسىر تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ چوڭ بولدۇق. قاشتا مىللەتچى جامائەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىز شەھەرلىك پارلامېنتتا قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى «ئۇيغۇر خەۋەر مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە ھازىرغىچە جەمئىي 10 ئەتراپىدا شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ بۇ خىل ئورتاق باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان كىشى ۋە گۇرۇھلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستاندۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلرەشىت ئابدۇلخەمىت تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ شەھەرلىك پارلامېنت ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇنداق ئورتاق باياناتلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ئايدا ۋە بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئادانا چۇقۇرئۇۋا شەھەرلىك پارلامېنت دەسلەپ بولۇپ 3 پارلامېنت بىلەن تۈركىيەدىكى 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغانىدى. تۈركىيەدە 78 مىڭ ئەتراپىدا ئادۋوكات بار بولۇپ، بۇ ئادۋوكاتلار 81 ئادۋوكاتلار ئىدارىسىغا ئەزا بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىن 73 ئادۋوكاتلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت