پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىبراھىم خالىل ئورال ئەپەندى بىلەن ئايخان ئەرەل ئەپەندى 11-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 586 پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىنى خىتاينى ئەيىبلەيدىغان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلىدىغان، خىتاينى جازالايدىغان قارار ماقۇللاشقا چاقىردى. بۇنىڭدىن سىرت ئايخان ئەرەل ئەپەندى سۆزلىگەن سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈتتە تۇرۇۋالدىڭ» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە ھۆكۈمەتتىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى.

ئىبراھىم خالىل ئورال ئەپەندى 11-چېسلا تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز توغرىسىدا بىر تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا قوشقا شتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئۇ يەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. مەن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن بەكلا نومۇس قىلدىم. تىلى، دىنى ۋە تارىخى بىز بىلەن ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنداق بىر قانۇننى بىز ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك تۇرۇقلۇق ئامېرىكا دۆلىتى ماقۇللىدى. مەن بۇنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويىمەن».

پارلامېنت ئەزاسى ئىبراھىم خالىل ئورال ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن مۇنداق بىر چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن، كېلىڭلار ھەممىمىز بۇ مەسىلىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلەيلى. تۈركىيە پارلامېنتىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلىدىغان، خىتاينى جازالايدىغان بىر قارار ماقۇللايلى. 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ جېنىمىزدەك ئەزىز ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بۇ يەرلەردە زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇنى توختات دەيلى».

ئارقىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى سۆزلەپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن يەنە بىر قېتىم «دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىشى چەكلەنگەن. 10 مىليونغا يېقىن چەتئەللىكنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان ھۆكۈمىتىمىز قېرىندىشىمىز دولقۇن ئەيسانى نېمە ئۈچۈن كىرگىلى قويمايدۇ؟ تۈرك دۇنياسىنى بۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەكتە».

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا 586 پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 291، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 138، خەلقلەر دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ 58، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 49، «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ 37 پارلامېنت ئەزاسى بار ئىكەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. پارلامېنتتا كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى قوللىمىغان شارائىتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. پارلامېنتتىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇنمۇ دېگەن، بۇنداق بىر تەكلىپ كەلسە بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوللايمىز. بۇ مەسىلىنى پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيەنىڭ گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش كېرەك».

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپتىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە چوقۇم بىر ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتى كورونا ۋىرۇسىغا بۇرالدى. كۈنتەرتىپ ئۆزگىرىپ كەتتى. خىتاي مىليونلىغان قېرىندىشىمىزغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇ ھەقتە چوقۇم بىر ئىش قىلىشى لازىم. چۈنكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز».

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي ئەپەندى تۈركىيەنىڭمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە تۈركىيەنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىر قارار چىقىرىش ئارزۇسى بار. ئامېرىكا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىدى. تۈركىيەنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قانۇن ماقۇللىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. تۈركىيە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەپ چىقارمايۋاتىدۇ. لېكىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەكلىپلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كومىتېتلاردا ماقۇللانسىمۇ ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللىنىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن يىلى «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش تەكلىپىنى سۇنغان بولسىمۇ، بېلەت تاشلاشتا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنىدى.