تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن ئادنان سەزگىن ئەپەندى 19-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانىدى. 20-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر تەكلىپ توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرمەي تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان.
6-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسىدە مۇنۇلار يېزىلغان: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەت سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەكشۈرۈش، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە بۇ ھەقتە توغرا مەلۇمات بېرىش، شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ چىقىش، شۇنداقلا بۇ ھەقتە توغرا سىياسەت بەلگىلەپ چىقىش مەقسىتى بىلەن تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 98-ماددىسى، تۈركىيە پارلامېنتى نىزامنامىسىنىڭ 104-ۋە 105-ماددىلىرىغا بىنائەن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن ئادنان سەزگەن».
تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ تەكلىپ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنغاندا ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ، پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. پارلامېنتتا «خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، «ياخشى» پارتىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇرۇنمۇ سۆزلىگەنىدىم. تېخىچە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئاكتىپ رول ئوينىيالمايۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى بەكلا پاسسىپ. لېكىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، شۇ سۈرەتتىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى جازا لاگېرىدا ۋاپات بولدى، ئەمما ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئابدۇرېھىم ھېيت، ناخشىچى، ئۇ ناخشىلىرىدا ۋەتەن ۋە خەلقىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە. خىتاي دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئەمما تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا دىندار ئەمەس كىشىلەرمۇ بار. مېنى خىتاي ئەلچىسى زىيارەت قىلدى، يۇقىرىدىكىلەرنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالدىم، جاۋاب بېرەلمىدى. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھالدا كۆزىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىر. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۇنۇلغان بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز».
ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن سىرت، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، «ئىيى» ( ياخشى) پارتىيەسى ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىدىن بولۇپ 650 پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. بۇ تەكلىپ لاھىيەسىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەت قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار خىزمىتىنىڭ بەكلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى خالىمىدى.
«ياخشى»، يەنى «ئىيى» پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇ ھەقتە ئاۋازىنىمۇ چىقارماي ئولتۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ھەتتا ئۇلار سەھنىگە چىقىپ سۆزمۇ قىلالمىدى. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا قارشى ھېچنېمە دېيەلمىدى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر خىتايغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. بۇنى كۆرمىگەن بولسام بوپتىكەن، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق پارتىيەلەر تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىدى، پارلامېنتتىكى مۇزاكىرە جەريانىدا سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇنىمۇ قىلمىدى».
ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە، 7-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم 1992-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى ئالپارسلان تۈركەش ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى. ھامۇت گۆكتۈرك بۇ جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
2018-يىلى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۇرقان ئەپەندى بىلەن، خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى رەئىسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى.
0:00 / 0:00