تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە تېمىغا ئايلاندى. تونۇلغان تارىخچى ئىلبەر ئورتايلى يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بۈيۈك خەۋپ ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەزىل سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «ياخشى» پارتىيەنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بىلەن تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلى ئەپەندى سۆزلىدى. مەرال ئاقشەنەر خانىم ئېچىلىش نۇتقىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ بەزى جايلىرىدا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە بېسىم بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىغا قارايدىغان بولسىڭىز ھەمدە باي مەدەنىيەتنى كۆرىسىز، ھەمدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرىسىز. بۈگۈن تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارايدىغان بولسىڭىز مۇسۇلمانلىق. يەنى ئۈممەت كۆز قارىشى بىلەن سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. لېكىن بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بالقاندا، شەرقىي تۈركىستاندا، ئىراقتا، سۈرىيەدە، تۇۋادا، گاگاۋۇزيەدە، ئەزەربەيجاندا، ئۆزبېكىستاندا، قىرغىزىستاندا ۋە تۈركمەنىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداش خەلقلەرنى مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن بىر گەۋدە دەپ قاراپ سىياسەت ئېلىپ بارىمىز. بىز بۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز».
ئارقىدىن داڭلىق تارىخچى پروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ، نۇتقىدا خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بۈيۈك خەۋپ ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ رەزىل سىياسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «تۈركىيەدە ئامېرىكا ۋە رۇسىيەگە قارشى خىتاي بىلەن دوست بولىمىز دەيدىغان بىر كۆز قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋاقىتلىق بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى خىتاي تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بۈيۈك بىر خەۋپ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەك قىيىن، بىز تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى خىتاي بىلەن جېدەل قىلىڭلار دېمەيمىز. ئەمما خىتاي خەۋپىگە قارشى تەدبىر ئېلىش كېرەك».
پروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلى ئەپەندى خىتاينىڭ يالغان سۆزلەشتە مەشھۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى توغرىسىدىكى يالغان گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم يوق. چۈنكى خىتاينىڭ يالغان گەپلىرى يېرىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. باشقا دۆلەتلەردە خىتايلار ‹شەرقىي تۈركىستانلىق باندىتلار، تېررورچىلار› دەۋاتىدۇ. لېكىن تۈركىيەدە بولسا ھېچ بىر نەرسە بولمىغاندەك سۆزلەپ يۈرىدۇ. تۈركىيەدىكى پارتىيەلەر ھوشيار بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن كۆرۈۋاتىمىزكى بۇ پارتىيەلەرنىڭ كۆپىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئويغانغۇسى يوق. ئويغاتساڭمۇ يەنە ئۇخلىۋېلىۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا رەزىل ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، جازا لاگېرلىرى سالدى. خىتاي يالغان گەپ قىلىشتا مەشھۇر، مېنىڭ ئۇلارنىڭ يالغان گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم يوق».
27-ئىيۇن كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت يەتتىگىچە داۋاملاشقان «تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى تۈركلەر، بالقاندىكى تۈركلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر، رۇسىيە ۋە كافكازىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەر قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى مەخسۇس بىر قىسىم ھالىدا ‹شەرقىي تۈركىستانلىقلار چېكىۋاتقان دەرت-ئەلەملەر› تېمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى يىغىندا مۇنداق دېدى؛ «ھۆرمەتلىك پارتىيە رەئىسى، ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، قىممەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، خانىملار، ئەپەندىلەر ۋە تۈرك دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يىغىن ئەھلى ھەممىڭلارغا مەزلۇم ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بىز ھازىر قىممەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز».
ئەنۋەرجان ئەپەندى ئالدى بىلەن سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، بۇ زېمىننى خىتاي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشتا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پروفېسسورى قونۇرالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى 2000-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنى ئايلانغان ۋاقتىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت تارىخىي ئاسارە-ئەتىقەلەرنى يوق قىلىپ، ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەيكەللەرنى تىكلەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ چەتئەلدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا ماقۇللانغان، 17-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزا قويغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
باشتىن ئاخىرغىچە مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ كەسپى دوكتورانتى ئېلى قەشقەرلى ئەپەندى يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سىياسىي جەھەتتىن ئاڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
27-ئىيۇن كۈنى بىر كۈن داۋاملاشقان «تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا سابىق مىنىستىر، ھازىرقى پارلامېنت ئەزاسى ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتور مېتىن ئەرگۈن، پروفېسسور دوكتور ئىبراھىم ماراش ۋە پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقوغلۇ ئەپەندىلەر باشقا تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا دوكلات بەرگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.
0:00 / 0:00