تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى نېمىدىن بېشارەت بېرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2-ئىيۇل كۈنى خىتايدا بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى. 2019-يىلى 2-ئىيۇل. بېيجىڭ.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2-ئىيۇل كۈنى خىتايدا بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى. 2019-يىلى 2-ئىيۇل. بېيجىڭ.
Social Media

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەدە چاقىرىلغان «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 2-ئىيۇل كۈنى خىتايغا بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى جەريانىدا ھەرقانداق شەخسنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ قەتئىي نىيەت بىلەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە «شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم پاكىتتۇر» دېگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىرئالىئوغلۇ ئەپەندى 3-ئىيۇل كۈنى پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى توغرا تاپمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنتىمىزنىڭ خىتايدا ‹شىنجاڭدىكى خەلقلەر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ› دېگەن سۆزىنى توغرا تاپمىدىم. مەن بۈگۈن سىزگە ‹ھۆرمەتلىك پرېزىدېنتىم سىز ھازىر بەختلىك ياشاۋاتىدۇ دېگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئاللا سىزگىمۇ بەخش قىلسۇن› دېسەم مەن سىزنى قارغىغان بولىمەن».

پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئاغىرئالىئوغلۇ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مەن پرېزىدېنتىمنى قارغاشنى خالىمايمەن. مەن ئەگەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئاللا سىزگىمۇ بەخش قىلسۇن’ دېسەم، پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، قىزىڭىز سۈمەييەنى قولىڭىزدىن ئېلىۋالسۇن، نەۋرىلىرىڭىزنى تارتىۋالسۇن، بالىلىرىڭىزغا تەن جازاسى بەرسۇن، دىنىڭىزنى چەكلىسۇن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىڭىز تارتىۋېلىنسۇن دېگەن بولىمەن. مەن بۇنداق دېيىشنى خالىمايمەن. پرېزىدېنتىمىزمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنداق دېمىسۇن».

ياۋۇز ئاغىرئالىئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۈركىي مىللەتلەر پەرىشان دېيىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي مىللەتلەر ئۇ يەردە بەختلىك دېيىشنىڭ ئورنىغا ئۆز يۇرتىدا پەرىشان ياشاۋاتىدۇ دېيىشى كېرەك ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەر دىنى ئېتىقادى، بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ». 

«ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى ياۋۇز ئاغىرئالىئوغلۇ ئەپەندىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا قىلغان سۆزى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ پارلامېنت قانىلى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا «شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم پاكىتتۇر» دېگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر پەقەتلا خىتايدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ تارقىتىلغان بولۇپ، تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى. 

بۇ باياناتتىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغان مەتبۇئات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى فاخرەتتىن ئالتۇن ئەپەندى 3-ئىيۇل كۈنى ئاخشام ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق، پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا بىر يازما ئېلان قىلدى. يازمىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ توختالغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شى جىنپىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا، پاراۋانلىق ئىچىدە بەختلىك ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى دېدى، خىتاي دۆلەت رەئىسى ئۇيغۇر رايونىغا تۈرك ھەيئىتىنىڭ كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۆرۈپ كېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ بۇنى قوبۇل قىلدى». 

بىز تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەشكەندە شۇنداق دېدىمۇ يوق؟ بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى مەسئۇلى فاخرەتتىن ئالتۇن ئەپەندى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىغا خەت يازغان بولساقمۇ جاۋاب كەلمىدى. 

9-ئىيۇل كۈنى بولسا «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيەسىنىڭ ھەپتىلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا دېگەن ئاشۇ سۆزى ھەققىدە سوراپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك سەپداشلىرىم پرېزىدېنت ئەردوغان شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئاۋازىنى چىقارمىدى. خىتاي ئاخباراتى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەردوغاننىڭ خىتايدا ‹شەرقىي تۈركىستانلىقلار بەختلىك› دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مەن ئەردوغاننىڭ بالدۇرراق بۇنداق دېگەن ياكى دېمىگەنلىكى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن. ئەردوغان خىتايدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارتىۋاتقان زۇلۇمغا ئاۋازىنى چىقارماي، زۇلۇمنى ئالقىشلىدىمۇ؟» 

تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ خىتايدا دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان سۆز ھەققىدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر قاتتىق تەنقىد قىلغان تەقدىردىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەدىن ھەيئەت كېلىپ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ توغرىلىق ئېنىق بىر بايانات بېرىشى كېرەكلىكىنى، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەچكە قېيىن بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى تۈركىيەدىن غەيرىي رەسمىي ھەيئەت سۈپىتىدە، ئۈرۈمچىگە بىر قانچە قېتىم بارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر ھەيئەت بارىدىغان بولسا ھەيئەتتە ئورۇن ئالىدىغان كىشىلەرنى ياخشى تاللاش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھەقتە مىللىي گېزىتتە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدىم. ئەگەر بۇرۇنقىدەك ھەيئەتلەر بارىدىغان بولسا بارمىغىنى ياخشى. بارىدىغان كىشىلەر خالىغان جايلارغا بېرىپ خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەلەمدۇ؟ ھەيئەت كۆرۈشكەن ئادەملەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋارىچىلىك چىقىرامدۇ يوق؟ بۇلارنى خىتاي تەرەپ بىلەن ئولتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا تۈرك ھەيئىتى ئۇيغۇر رايونىغا بارسا بولىدۇ».

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئەگەر تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت ئۈرۈمچىگىلا ئەمەس ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ 2002-يىلى باش مىنىستىر بولغاندىن بۈگۈنگىچە خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن 10 قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، دىپلوماتىيىلىك قائىدە بويىچە بۇ نۆۋەت خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيەگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن، بۇنىڭ ئەكسىچە 7-ئاينىڭ 2-كۈنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت