تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى پارتىيە، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرىدىغان كومىتېت قۇرۇش توغرىسىدا لايىھە سۇنماقتا. بۇ پارتىيەلەردىن بىرى «ئىيى»، يەنى «ياخشى پارتىيەسى» دۇر. مەزكۇر پارتىيە تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەندىن بۇيانقى ئىككى يىل ئىچىدە 10 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى 30 قېتىمدىن كۆپرەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە تۈركىيە پارلامېنتىغا 3 قېتىم «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇش لايىھەسىنى سۇنغان. لېكىن پارلامېنت ئەزاسى سانى ئاز ئۆكتىچى پارتىيە بولغاچقا ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى رەت قىلىندى. بىز ياخشى پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پېشقەدەم دىپلومات ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسى قانداق بىر پارتىيە ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياخشى پارتىيەسى دېموكراتىيەنى، يەنى پارلامېنت تۈزۈمىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ۋە مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان پارتىيەدۇر. بۇلار بىزنىڭ سىياسەت بەلگىلىشىمىزدىكى ئاساسىي پرىنسىپتۇر».
ياخشى پارتىيەسىنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، پېشقەدەم سىياسەتچى مەرال ئاقشەنەر خانىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزاسى قۇرغان بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىپ سايلامدا پارلامېنتقا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. مەزكۇر پارتىيە پارلامېنتقا كىرگەندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ كۆپى ئۆكتىچى پارتىيە مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھاكىمىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىنلا سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ. ياخشى پارتىيەسىمۇ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسە سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز ياخشى پارتىيەسى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىلا ئەمەس باشقا مەسىلىلەردىمۇ ھاكىمىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن قانداق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى ھازىردىن باشلاپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. ھاكىمىيەتكە ئېرىشكەندە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىمىزنى ھازىردىن باشلاپ دەۋاتىمىز. بىز بۇ ۋەدىلەر بىلەن خەلقنى سايلامدا بىزگە بىلەت تاشلاشقا چاقىرىۋاتىمىز. ئۇلارغا بەزى ۋەدىلەرنى بېرىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىمۇ بىز قىلالايدىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بىزنى سايلىساڭلار شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بۇلارنى قىلىمىز دەۋاتىمىز.»
ياخشى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىگىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. سىزچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنداق سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ سۈكۈتتە تۇرۇش تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ياراشمايدۇ. بىزچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە خىتايغا ۋەدە بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مۇشۇنداق سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيە خىتايدىن مەبلەغ كېلىدۇ، تىجارەتتە پايدا ئالىمىز، يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى دېگەندەكلەر بەدىلىگە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
تۈركىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن، سۈرىيە ۋە روھىنگا مەسىلىلىرىدە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېخىگىچە بارلىق تۈرك خەلقىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلانمىدى. مەلۇم بىر قىسىم جامائەت كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنى تۈركىيەدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەلەرنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئىچكى كۈچلەر بەلگىلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ۋاقتىدا تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. يەنە بىرى ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈممەتنى ئاساس قىلغان تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەرەبلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ پارتىيە بولسا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھاكىمىيەتكە ئېرىشسەكمۇ مۇشۇنداق تاشقى سىياسەت ئېلىپ بارىمىز.»
ئۇ، تۈركىيە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقىنى ئاساس قىلغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى يوق، ئۇچۇر-ئالاقە ئەركىنلىكىمۇ يوق، نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، نۇرغۇن بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. قېرىنداشلىرىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەت قۇرماسلىقى كېرەك. بۇلارنى كىشىلىك ھوقۇقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. بىز سايلىنىپ ھۆكۈمەت قۇرساق بۇلارنى ھەل قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز خاتىرجەم بولسۇن، بىز ھازىر نېمە دېگەن بولساق ھاكىمىيەتكە ئىگە بولغاندىمۇ شۇنى قىلىمىز، يەنى بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرىمىز.»
«ياخشى» پارتىيەسى قۇرۇلۇپ 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سايلامدا 5-پارتىيە بولۇپ سايلىنىپ تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەنىدى. تۈركىيە تارىخىدا قۇرۇلۇپ بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ پارلامېنتقا كىرگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغانىكەن.
0:00 / 0:00