ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى تۈركىيە زىيارىتى «شەرقىي تۈركىستان» نامىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنداقلا تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت تاشقى مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان (Hakan Fidan) بىلەن ۋاڭ يى 26-ئىيۇل كۈنى كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ۋاڭ يىنى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوبۇل قىلدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتە تۈرلۈك تەلىپىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەدىكى كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

بەش ئاممىۋى تەشكىلات ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتتا يەنە لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەكىتلىنىپ «خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشى توختىسۇن! »، «ئانا تىل مائارىپى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈلسۇن! »، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى نورماللاشسۇن! » دېگەندەك تەلەپلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 2021-يىلى 25-مارتتا ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەندە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خاقان فىدان بىلەن ۋاڭ يى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەد ناجى جىنىسلى (Muhammet Naci Cinisli) ئەپەندى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «قايسى سەۋەبتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى بىزنى خۇرسەن قىلماقتا. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىسە تۈرك خەلقىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدۇ. تۈركىيەدىن مەدەت كۈتۈۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى زېدە قىلىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بىز ›ئىيى‹ يەنى ›ياخشى‹ پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇندىن بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە باشقا خەلقئارا سورۇنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق ئىگە چىققان بولساق بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا ئىگە چىقىمىز.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەرقاچان تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى تۈركىيەنىڭ ئالدىغا قويۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، خاقان فىداننىڭمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى مەمەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە يېقىندا تەشكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان بىر قاتار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى جىددىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىگە يوشۇرۇنغان بىر قاتار ئامىللار ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

26-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە «يېڭى يىپەك يولى» نىڭ تۈركىيە قىسمىغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى. سىياسىي ئانالىزچىلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.