تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ بىر يەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 27-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. داۋۇتوغلۇ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش تۈركىيەنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئەزەربەيجان مۇساپىرلىرىنى «ستالىنغا تۇتۇپ بەرگەنلىكى بىلەن ئوخشاش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ سۆزى ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دەرھال رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەردوغان ھۆكۈمىتىدە بىر مەزگىل باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن داۋۇتوغلۇنىڭ سۆزى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا جىددىي ئەندىشە قوزغىدى. داۋۇتوغلۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئارداخان ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش «بىر تارىخىي خىيانەت» بولىدىكەن. داۋۇتوغلۇ سۆزىدە «مەيلى خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى بولسۇن، مەيلى دۆلەت ئىچى تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بولسۇن تۈركىيەدىكى تەخمىنەن 50 مىڭدەك ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن 3-بىر دۆلەتكە، تاجىكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۇ يەردىن خىتايغا قايتۇرۇش پىلانلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر كەلمەكتە. دوستلار! بۇ تارىخىي خىيانەتتۇر، بۇ قېرىنداشلىققا خىيانەت بولىدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تېررورلۇققا چېتىلغان ھەرقانداق بىرى بولسا، ئۇنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى تېپىپ چىقىپ جازالىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بۇنىڭدا تېررورلۇق ئامىلى بولمىسا، ئۇلار بۇ زېمىنغا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنى قايتا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش، ستالىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى كۆيدۈرۈپ، بۇ زېمىننى قورقۇنچلۇق يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ».
داۋۇتوغلۇ بۇ سۆزلەرنى ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى 27-ئىيۇل خەۋەر بېرىپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلماندارچىلىق ۋەدىسىنى بۇزماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ بىر يولىنى تاپقانلىقى، ئۇلارنى تاجىكىستانغا يولغا سېلىۋاتقانلىقى، تاجىكىستاننىڭ ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئەردوغاننىڭ ئاق پارتىيەسى ( ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى)بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلغان. بۇ، بىرى ئىسلامچىلىق، يەنە بىرى مىللەتچىلىك بىلەن تونۇلغان بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى 2-قېتىم رەت قىلىشى ئىدى.
بىز 28-ئىيۇل كۈنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزى كومىتېتى ۋە ئۇلارنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئاخىرى، «ئاق پارتىيە» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى خالىس دالكىلىچنىڭ ئىشخانىسى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، داۋۇدوغلۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى.
خالىس دالكىلىچنىڭ چاگرى ئىسىملىك بىر ئىشخانا مەسئۇلى، نۆۋەتتە دالكىلىچنىڭ پارلامېنت يىغىنىدا ئىنتېرنېت قانۇنىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ تېلېفوندا سۆزلىشەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈپ: «داۋۇتوغلۇنىڭ سۆزى توغرا ئەمەس. ئۇ بۇرۇن باش مىنىستىر بولغان، لېكىن ھازىر باش مىنىستىر ئەمەس. ئۇيغۇر تۈركلىرىنى مىللەت ۋەكىلىمىزمۇ، تايىپ ئەردوغانمۇ ۋە ئاق پارتىيەسىمۇ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۇزۇرسىز ياشىشى ۋە ئىزتىراپ چېكىشىگە بەك كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. مەن پەقەت مۇشۇلارنىلا دېيەلەيمەن. ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە (داۋۇتوغلۇ ئېيتقاندەك) ئۇنداق بىر پىلان يوق، بۇ يالغان» دېدى.
تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئالاقىدار بەزى ئىندىۋىدۇئال، يەنى ئايرىم ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى چەتكە قاققىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كوللېكتىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك بۇنداق بىر پىلاننى ئىجرا قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى بەك مۈشكۈل ئىكەن. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فەھرەتتىن يوكۇش ئەپەندى 28-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە جامائەت پىكرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فەھرەتتىن يوكۇش ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىن بۇنداق بىر تەلىپى بار. لېكىن تۈركىيە تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا بۇنداق بىر ئىشنى قىلىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. چۈنكى، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بار. تۈركىيەدە ھۆكۈمەت ئەگەر بۇنداق بىر ئىشنى قىلىشقا قوپسا، جىددىي نارازىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، بىز تۈركىيە تۈركىيەدە پانالىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تاجىكىستاندەك خىتايغا ئاسان ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان 3-دۆلەتلەرگە يولغا سالىدۇ، دەپ ئويلىمايمىز».
لېكىن فەھرەتتىن يوكۇشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ تاجىكىستان، قازاقىستاندەك دۆلەتلەرگە قايتۇرۇلۇشى ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. فەھرەتتىن يوكۇش مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇيغۇرلار) خىتايغا بىۋاسىتە قايتۇرۇلماي ۋاسىتىلىك ھالدا 3-دۆلەت ئارقىلىق يەنى قازاقىستان ياكى تاجىكىستاندەك دۆلەتلەر ئارقىلىق قايتۇرۇلسا، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا ۋاسىتىلىك قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قاراپ تۇرۇپ، بۇ ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس».
داۋۇتوغلۇ ئارداخاندىكى قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن سۆزىدە يەنە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى رادىكال سولچى پارتىيە- «ۋەتەن پارتىيە» سى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى دوغۇ پېرىنچەكنىڭ يولىدا ماڭدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنى ۋاسىتىلىك خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك» ئىكەن.
داۋۇتوغلۇ ئەردوغانغا خىتابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئۈرۈمچىدە قەتلىئام يۈز بەرگەندە مۆھتەرەم جۇمھۇر رەئىسى بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگەنىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىدىم. بۇ سۆزلەر بىلەن خىتاينى تەنقىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈرۈمچىگە، خىتايغا ۋە قەشقەرگە بېرىپ، ھەم خىتاي بىلەن ئارىمىزنى تۈزىدۇق ھەم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقلىرىگە ئىگە چىقتۇق. بۇ بۈگۈنمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر».
داۋۇتوغلۇ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان 2010-يىلى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ قەشقەردە تۈرك تىلىنىڭ بۇ قەدىمى شەھەردە بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.
0:00 / 0:00