تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى تايلاندتا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ 52-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، يەنى 30-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا بەختلىك، راھەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش كۆچۈرۈشىنى خالايمىز. بىز بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىزدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدا دۆلەت زىيارىتىدە بولغاندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلىشىمىز ئۈچۈن بىر ئۆمەك ئەۋەتىشىمىزنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئەمدى بىز خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدىكى ئوخشىمايدىغان ئىدارە-جەمئىيەتلەردىن تاللانغان 10 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى ئەۋەتمەكچىمىز.»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ بۇ باياناتى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى، تور گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. تۈركىيەدىن بۇنداق بىر ھەيئەت خىتايغا بارسا ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولامدۇ-يوق؟ بۇ ئۆمەك مېڭىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىيە-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدە خىتايغا ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيە-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسىمەن. مەن خىتايغا شۇنى دېمەكچىمەن: تۈركىيە پارلامېنتىدا 4-5 تەك پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بار، بىزنى تەكلىپ قىلسۇن. بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىن تەييارلىغان يەرلەرنى ئەمەس، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەلگىلەپ بەرگەن يەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلايلى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى دەيدىغان دەردى يوق. خىتاي بىزدەك ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئاۋازىنى توسۇش ئۈچۈن باشقىلارنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ۋەكىللەر پەقەت ساختا كۆرۈنۈشلەرگە ئالدىنىپ قايتىپ كېلىدۇ، خالاس.»
تونۇلغان ژۇرنالىست تاھا ئاقيول ئەپەندى پەقەتلا ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭلا بۇنداق زىيارەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيەسى ئېنىق. بۇ خىل دۆلەتلەر خۇددى ستالىن قىلغاندەك ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بارىدىغان كولخوز ۋە ئۆيلەرنى ئالدىن تەييار قىلىدۇ. ستالىن فىرانسىيەلىك يازغۇچى ئاندرەجى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەكلىپ قىلغان. ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈزۈمىگە ھەيران قالغان. كېيىن فىرانسىيەگە قايتقاندىن كېيىن ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر تىياتىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ستالىننىڭ تۈزۈمىگە قارشى ماقالە يېزىشقا باشلىغان. خىتايمۇ بۈگۈن ستالىندەك قىلىۋاتىدۇ. بارىدىغان ھەيئەت خىتاي تەكلىپ قىلغان جايلارنى كۆرۈشنى رەت قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ھەيئەت كۆرگەن يەرلەر ھەرگىزمۇ خىتايدىكى ھەقىقىي رېياللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ.»
پېشقەدەم ژۇرنالىست تاھا ئاقيول ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ھېچ بولمىغاندا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن بولسىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دەپ خىتاي بىلەن زىددىيەتكە كىرىپ قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن تۈركىيە بۇ ھەقتە دىپلوماتىك بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتايغا قارشى بېسىم پەيدا قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاكتىپ دىپلوماتىيە خىزمىتى ئىشلىشى كېرەك. لېكىن بۇنى قىلمايۋاتىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۆمەك ئەۋەتىش قارارنى ئېلان قىلغان. ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىن بارىدىغان مەزكۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكى ئۇيغۇر دىيارىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە تۈركۈم تۈرك مۇتەخەسسىسلەر، پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دېگەن نامدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلدۇرۇلمىغان. ئۇلار ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ 11 گىچە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كۆزىتىشكە پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت بېرىلمىگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرىنى ماختاپ كۆرسەتكەن ئىكەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنداق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەتلەردە ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ پەقەتلا خىتاي كۆرسەتكەن يەرلەرنى كۆرۈپ كېلەلەيدىغانلىقىنى، باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا خىتاينىڭ كۈتكەنلىرىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00