ئىستانبۇلدا بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، قايتۇرۇش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوسمان ئەنۋەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى 27‏-ئاۋغۇست كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، سافاكۆينىڭ ئىنۆنۈ مەھەللىسىدىكى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. نۆۋەتتە، تۈركىيە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، بىر قانچە ئاي تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدىغان بىر ھادىسە بولۇپ قالدى. بۇ يىل قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان 40 دەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەنلىكى، لېكىن 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يەنە داۋاملىق تۇتۇپ قېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى كۈچىيىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئوسمان ئەنۋەرنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشى غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىكى بۇ ئەندىشىنىڭ كۈچىيىشىگە زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال بىلەن يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ 6‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقى، تاجىكىستاننىڭ زىننەتگۈلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر سەۋەب بولغانىدى.
بىز 28‏-ئاۋغۇست كۈنى ئوسمان ئەنۋەرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، سافاكۆيدىكى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغان ئىدۇق. ساقچى پونكىتىنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىمى ئوسمان ئەنۋەرنىڭ چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ چاتالجا رايونىدىكى «بىنقىلىچ كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزى» گە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. لېكىن، بۇ نۆۋەتچى ساقچى خادىمى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

بۇ نۆۋەتچى خادىم، «تۈنۈگۈن ئوسمان ئەنۋەر، دېگەن بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرنى تۇتۇپسىلەر، ئۇ نېمە سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىندى، ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن بىلمەيمەن، قەيەرگە ئېلىپ كېتىپتىكەن. پەندىككە ئېلىپ كېتىپتىمىكەن؟ بۇ يەرگە ئېلىپ كېتىپتۇ، دېدىڭىزما؟، ھازىر بۇ يەردە ئۇنداق بىر ئادەم يوق. ئىسمىنى نېمە دېدىڭىز، ئوسمان ئەنۋەر دېدىڭىزمۇ؟، ئۇنداق دېگەن بىرى باردەك قىلمايدۇ.»

بىز بۇ نۆۋەتچى ساقچى خادىمىغا ئوسمان ئەنۋەرنىڭ پاسپورتىدىكى ئىسمىنىڭ بىر ئاز پەرقلىق بولۇشى مۈمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خىتايچىدىكى تەلەپپۇزىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق. بۇ ساقچى خادىمى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئوسمان ئەنۋەرنىڭ «بىنقىلىچ كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئوسمان ئەنۋەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقى، چۈنكى ئۇنى تۈنۈگۈنكى نۆۋەتچى گۇرۇپپىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر ئۇ بىنقىلىچتا ئىكەن. بىنقىلىچقا بارسىڭىز كۆرۈشەلەيسىز» دېدى.

لېكىن، ئەنۋەر ئوسماننىڭ ئىستانبۇلدىكى بىر ھەمراھى 28‏-ئاۋغۇست كۈنى تېلېفوندا رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئوسمان ئەنۋەر «باشقىلارنىڭ ئۇنى ساقچىغا ئىنكاس قىلىشى سەۋەبلىك» تۇتقۇن قىلىنغانىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى ۋە ئاۋازىنىڭ رادىئودا بېرىلىشىنى خالىمايدىغان بۇ كىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئادۋوكات تۇتۇپ، ئوسمان ئەنۋەرنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقى، ئوتتۇرىدا ئەندىشە قىلغۇدەك ھېچقانداق چوڭ ئىش يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوسمان ئەنۋەر «تۇتقۇن قىلىنغان كۈندىن تارتىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى تەقىب قىلىپ تۇرماقتا» ئىكەن. ئۇ، تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بالىنىڭ ئىگىسى يوق ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئىگىسى بارلىقىنى بۇ يەردىكى ھەممەيلەن بىلىدۇ» دېدى.

بۇ يىل 27 ياشلىق ئەنۋەر ئوسماننىڭ 2013‏-يىلى تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ بۆلۈمىدە ئوقۇغانلىقى مەلۇم. ئىگىلىشىمىزچە، ئوسمان ئەنۋەر كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەزگىل ئوقۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرمەيلا مەكتەپنى تەرك ئەتكەن. ئۇنىڭ مەكتەپنى تەرك ئېتىشىدىكى سەۋەبى بىزگە مەلۇم ئەمەس.

تۈركىيە ئىلگىرى ئىزچىل ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلىپ كەلگەن دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېقىنقى 2-3 يىل مابەينىدە مۇساپىرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە ھېس قىلارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ئىقتىسادى كرىزىس، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى بېسىمى، «جىھادچى» گۇرۇپپىلارنىڭ تەھدىتى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار رول ئوينىماقتىكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ «جىھادچى» گۇرۇپپىلارغا ئارىلىشىپ قېلىشى، 2015‏-يىلى يېڭى يىلدا يۈز بەرگەن «رېينا قەتلىئامى» غا چېتىلىپ قېلىشىدەك ھادىسىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تۇتقان سىياسىتىگە تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئابدۇلھالىم يىلماز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان تۈرك ئادۋوكاتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى «تېررورلۇق» گۇماننى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدىكەن. ئۇ، 28‏-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرماسلىق ھەققىدە رەسمىي سىياسىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا بۇنى ئىسپاتلايدىغان «دەلىل يوق» قويۇپ بېرىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى يېڭى ۋەقە ئەمەس، بۇ بۇرۇندىن تارتىپ يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ھادىسە. ئۇيغۇرلار دائىم تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدۇ، لېكىن ئارقىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا خىتاينىڭ قىزىل تاشلىق بۇيرۇقى چىقىرىشى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدۇ، بەلكى ھەر خىل سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھەممىسى تېررورلۇققا باغلاپ تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بىر مەزگىل ياتقۇزۇپ قويۇپ بېرىدۇ. بىر، ئىككى ھادىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدە رەسمىي سىياسىتى بار. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دائىم گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئىستىخبارات دوكلاتى، خىتاينىڭ شىكايىتى ياكى باشقا ئامىللار سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئەمما قانداق بولسا بولسۇن ئۇيغۇرلار دائىم بۇ شەكىلدە تۇتقۇن قىلىنىدۇ.»

ئابدۇلھالىم يىلماز ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تۇتقۇندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ دېلوسى كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە ئالاقىدار بولۇپ، ئۇنىڭغا مەمۇرىي سوتنىڭ قاراپ چىقىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالدا ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى ئەڭ كۆپ بولسا بىر يىل تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر دېلو كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە ئائىت بولۇپ، مەمۇرىي مەھكىمىگە يوللانسا بىر يىلغىچە تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر ھەرقانداق بىر دېلونى تەپتىش مەھكىمىسى سۈرۈشتۈرگەن بولسا، ۋە قولىدا ئۇنىڭغا دائىر دەلىل بولسا ئۇنىڭ قانچىلىك تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا تەپتىش قارار بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تۇتۇپ تۇرۇش تېخىمۇ ئۇزۇن داۋا قىلىشى مۇمكىن. لېكىن بىزنىڭ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر دېلولارنىڭ ھەممىسىنى مەمۇرىي مەھكىمە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تۇتقۇن ئەڭ كۆپ بولسا بىر يىل تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ».

ئابدۇلھالىم يىلمازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىلھام ئەمەتنىياز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قويۇپ بەرگەن. ئىلھام ئەمەتنىياز بۇنىڭدىن 7 ئاي ئاۋۋال «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، قىرىقلارئەلى ۋىلايىتىدىكى بىر «كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزى» گە قامالغانىدى. ئىلھام ئەمەتنىيازنىڭ خانىمى 28-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يولدىشىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.