ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ: «ھاكىمىيەتنى قولىمىزغا ئالساق تۇنجى ئىشىمىز شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق قارار ماقۇللاش بولىدۇ»

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندى 6-سېنتەبىر كۈنى تەيۋەن پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەتنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ تۈركلەرنىڭ قەدىمىي يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

5-سېنتەبىر كۈنى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئاڭلاتتى. ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشى توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى تەيۋەن پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنقەرەگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەنقەرەگە كېلىشىمدىكى مەقسەت بۇ يەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ قانداق ھەمكارلىشالايمىز؟ بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت».

ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندى بىلەن مۇزاكىرە قىلغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۈركىيەنىڭ قانداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، خىتايغا بېسىم پەيدا قىلالايدىغانلىقى، بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىپ نېمىلەرنى قىلالايمىز بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق».

ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللىدى. شۇڭا تۈركىيەنىڭ ھەم تۈرك ھەمدە بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىرىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلدىم».

«ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەتنى قولىمىزغا ئالساق تۇنجى ئىشىمىز تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش بولىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈرمەي داۋاملىق كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز. ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك تەلەپ-پىكىرلىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرىنى بېكىتىپ چىقىمىز».

ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا 4 پارتىيە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى پارلامېنتتىكى «ئىيى» پارتىيەسى تەرىپىدىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. «ئىيى» پارتىيەسى ھەتتا 2 قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى.