مۇستافا دەستىچى: «خىتاي تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلغان. ئۇ كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

7-سېنتەبىر كۈنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ قايتىدىن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە، بولۇپمۇ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇچرىشىشقا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كەسەر ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئۇچرىشىشتا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئاڭلاتتى. ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىگە بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشى توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسىگە كۆپ قېتىم ‹سىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىڭلار، بىزنىڭ پارتىيەمۇ بۇنىڭدا ۋەزىپە ئالسۇن. بولمىسا بۇ مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ› دېدۇق. لېكىن خىتاينىڭ بېسىۋالغان زېمىن شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىش نىيىتى ئەسلا بولمىغاچقا، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بۇنداق بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇ توغرىلىق بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭغا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، تۈرك دۇنياسى بىلەن ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشنى داۋام قىلماقتا. بىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈرك دۇنياسىدا ھەم ئىسلام دۇنياسىدا بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋازدا ئوتتۇرىغا قويۇمىز.»

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى تۈركىيەدىكى كىچىك پارتىيەلەردىن بىرسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئاۋازىنى چىقىرىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، بۇ پارتىيە ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلەرمۇ؟ د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر پارتىيە باشقا چوڭ پارتىيەلەردەك تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇچرىشىشتا پارتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتايغا قارشى دۆلەت ۋە گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل پارتىيەلەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتسا، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ئالقىشلىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە ئۆز پارتىيەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.