پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل ئارسلان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سورىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان يۈكسەل ئارسلان ئەپەندى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سوئال خېتى سۇنۇپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىدە نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ، سوئال خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

مەزكۇر خەتنىڭ كىرىش قىسمىدا، «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ سىياسەتنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنىڭ ۋە تۈركىيەگە پاناھلانغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ تارىخىي ۋە مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل ئارسلان سوئال خېتىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالنى سورىغان.

1. كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى ياكى باشقا دۆلەتلەرگە يولغا سېلىۋەتتى؟

2. شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقان ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسەتنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

3. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا سورۇنلاردا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

تۈركىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل ئارسلان ئەپەندىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندىگە سۇنغان خېتى. 2023-يىلى 12-سېنتەبىر.
تۈركىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل ئارسلان ئەپەندىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندىگە سۇنغان خېتى. 2023-يىلى 12-سېنتەبىر. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 98-ماددىسى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى نىزامنامىسىنىڭ 96-ماددىسىغا بىنائەن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ سوئال خېتىگە يازما ھالدا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ سوئال خېتىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ تۈركىيەدىكى «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇ، بۇ سوئال خېتىگە جاۋاب بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىدۇق، قايتۇرۇپ بەرمەيمىز دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك خەلقى تەرىپىدىن بىلىنگەن بولىدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئارخىپىغىمۇ كىرگەن بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئومۇمىي يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق ئىشلار ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بېرىلسا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ھەمدە خىتايغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ. مەن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ سوئال خېتىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندى بەرگەن جاۋاب ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تۈرك خەلقىگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلگەن بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى بىلىشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئېلىپ بېرىشقا پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ سوئال خېتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قايتا كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ سوئال خېتى ئارقىلىق ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەخپىي ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇ سوئال خېتىدىن كېيىن مەخپىي ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇ خەتكە جاۋاب بەرگەندە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر قالغاچقا، خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا ۋە تۈركىيەدە قايتا كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل ئارسلان ئەپەندىنىڭ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن ناھايىتى مۇھىم سوئاللارنى سورىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى 2018-يىلى تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن بولۇپ، ئۆتكەن 4 يىلدا 8 قېتىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قانۇن لايىھىسى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ لايىھە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى. بۇ، يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورالغان تۇنجى سوئال خېتى بولۇپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سوئال خېتى سۇنۇپ تۈركىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغانىدى. ئۇ، سوئال خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغانىدى. لېكىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن ھازىرچە جاۋاب يوق، ئەمما قاچان جاۋاب بېرىدىغانلىقى نامەلۇم.