ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيەنىڭ كونيا ۋە قاھرامانماراش ۋىلايەتلىرىدە مۇھىم پائالىيەتلەردە بولغان

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

2014-2015-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى كونيا شەھىرى بولۇپ، مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى كونيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش مەقسىتى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى 8 كىشىلىك ھەيئەت 3 كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ باردى.

19-سېنتەبىردىن 22-سېنتەبىر كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان زىيارەتتە كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئەرجان ئۇسلۇ ئەپەندى بىلەن ئىشخانىسىدا كۆرۈشۈپ، كونيادىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئارقىدىن يەنە كونيا قىزىلئاي ياردەم تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھۈسەيىن ئۈزمەس ئەپەندى، كونيا ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىنىڭ باشلىقى، كونيا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى، كونيا قاراتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كونيادا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئەڭ مۇھىمى 20-سېنتەبىر كۈنى ئاخشىمى ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىچكى ئاناتولىيە رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ياخشى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە 70 ئائىلە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ياشىماقتىكەن. بۇلاردىن سىرت كونيانىڭ چۇمرا ناھىيىسىدە 30 ئائىلە ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 22-سېنتەبىر كۈنى كونيادىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەبۇنىي رايونىغا جايلاشقان قاھرامانماراش شەھىرىگە كەلگەن. مەزكۇر شەھەر ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، ھەيئەت 23-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن قاھرامانماراش شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. كېيىن قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور نىيازى جان ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان. ئۇلار يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بۇندىن كېيىن كېلىپ ئوقۇماقچى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

كېيىن مەزكۇر ھەيئەت قاھرامانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپى 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرى بىلەن قاھرامانماراش شەھىرىدە شۆبىلىرى ئېچىلغان. مەزكۇر ۋەقىپنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ھەيئەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغان كاستامونۇ، بۇرسا ۋە ئىزمىر شەھەرلىرىگىمۇ زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن.