تۈركىيە سانائەت تەرەققىيات بانكىسى خىتاي تەرەققىيات بانكىسىدىن 200 مىليون دوللار قەرز ئالغان.
«ياۋرو-نيۇس» تور گېزىتىدە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قەرز «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن خىتاي تەرەپ تۈركىيەگە بەرگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز ئىكەن. تۈركىيە سانائەت ۋە تەرەققىيات بانكىسى بۇ زور سوممىدىكى قەرز پۇلنى تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، ئېنېرگىيە، ساغلاملىق ۋە مائارىپ ساھەلىرىگە ئىشلىتىدىكەن.
تۈركىيە سانائەت ۋە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇدىرى سۇئات ئىنجە ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي بەرگەن بۇ قەرز پۇلىنىڭ خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي تەرەققىيات بانكىسىغا رەھمەت ئېيتىپ، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈپەيلىدىن خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 6-ئايدا خىتايدىن 1 مىليارد 200 مىليون دوللار قەرز ئالغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە سانائەت ۋە تەرەققىيات بانكىسى ئارقىلىق خىتايدىن يەنە يەنە 200 مىليون دوللار قەرز ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىردىنلا جىمىپ كەتتى. ھەتتا ب د ت دىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر ئاساسلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويمىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب خىتاينىڭ تۈركىيەگە بېرىۋاتقان زور سوممىدىكى قەرز پۇلىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تاشقى خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى دوتسېنت، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مەمەتجان ئونسۇ ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ خىتاي 2013-يىلى ئېلان قىلغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قېتىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشقا تۈركىيەگىمۇ قەرز پۇل بېرىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەمەتجان ئونسۇ ئەپەندى خىتاي تۈركىيەگە بەرگەن 200 مىليون دوللار پۇلنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسىي مەقسەت بىلەن بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قەرز پۇل بېرىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رولى بارمۇ-يوق؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي تۈركىيەگە پۇل بەرگەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شەرت قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.