تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر: ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرىمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-10-05
Share
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر: ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرىمىز (سولدىن ئوڭغا)«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەرۋەت ساپار خالى خانىم، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كېسەر ئەپەندى ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغانلار ئىچىدە تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار، تۈركىيەگە كېلىپ-كېتىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ياكى پەرزەنتلىرى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن. بۇلارنىڭ پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلق-ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىچكى ۋە تاشقى بېسىمنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 21-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلغان 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، 1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقنىڭ كۈچىيىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ بولسا، 2023-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا بۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە نېمىلەرنى قىلماقچى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سەرۋەت ساپار خالى خانىم، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كېسەر ئەپەندى ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سەرۋەت ساپار خالى خانىم «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال خانىمنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئالدى بىلەن تۈرك ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشتۇق. بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدۇق، تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتۇق. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتى بەك مۇھىم، چۈنكى ئۇلار بىۋاسىتە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر. ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى بەك ئېغىر. شۇڭا بىز جامائەت پىكرى توپلاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خاتا سىياسىتىنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ئاتا-ئانىلىرى جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياش ‹شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى› نامىدا بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار تۈركىيەنىڭ ھەممە ۋىلايەتلىرىنى ئايلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنى قوللاپ ياردەم قىلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر يەردە ئاڭلىتىشقا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاشنى داۋام قىلىمىز. سايلامدا ئۇتۇپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالساق بۇ مەسىلىنى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز».

ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىسى ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ 1993-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۆز دەۋاسى دەپ بىلىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. تۈركىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئەمما تېخىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ياكى تۈركىيە پارلامېنتى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن بىر قارار يوق. بۇ مەلۇم بىر پارتىيەنىڭ مەسىلىسى بولماستىن، تۈركىيەدىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق مەسىلىسى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مىللىي مەسىلىسىدۇر. ئىككى يىل بۇرۇنغىچە خىتاي ئەلچىسى داۋاملىق پارتىيەمىزگە كېلىپ ‹سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ پۇقرامىز ئۇيغۇرلارنى قوللايسىلەر؟› دەپ بىزنى بىئارام قىلاتتى. بىز ئۇلارغا ‹ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، سىلەر بېسىۋالغان زېمىن، ئۇلارغا قىلىۋاتقان زۇلمىڭنى توختات› دەيتتۇق. بىزگە ئۇ يەردە زۇلۇم يوق دېگىنىدە ‹بىز ھەيئەت ئەۋەتەيلى، خالىغان يەرلەرنى كۆرسۇن› دېدۇق، قوبۇل قىلمىدى، ئىككى يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزگە كەلمەيدىغان بولدى. پارتىيەمىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەركىنلىكىگە ئېرىشكىچە قوللاشقا، بۇ دەۋانى ئۆز دەۋايىمىز سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىشقا داۋام قىلىمىز».

كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:

«مەن پارلامېنت ئەزاسى ۋاقتىمدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلەتتىم. پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلىمۇ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بىز ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدۇق، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىمىز. سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھۆكۈمەت قۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىسەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلاندۇرىمىز».

مۇتەخەسسىسلەر 2023-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت