تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ 8-ئۆكتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
بۇنىڭدىن سىرت 7-8-ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى كامىل ئەخمەت ئەروزان ئەپەندى، «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ كونيادىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇقادىر قارادۇمان ئەپەندى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئۇتقۇ چاقىرۆزەر ئەپەندىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا كۆز يۇمىشىنىڭ تۈركىيەگە ياراشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇمۇ بايانات بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
بىر مۇخبىرنىڭ «ب د ت دىكى 39 دۆلەت ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەكلىپ خېتىگە قول قويۇپتۇ، تۈركىيە قول قويماپتۇ؟ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. تۈركىيە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بولۇپمۇ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، شېرىكى دۆلەت پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قول قويۇشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىشى كېرەك. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەيدىكەن بۇنى قىلىشى كېرەك» .
8-ئۆكتەبىر كۈنى «ئىيى» يەنى ياخشى پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەسچىتلەرگە ‹دىننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئاۋاز قوشۇڭلار› دېگەن لوزۇنكىلارنى ئېسىپ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ‹تىنچلىق› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان مۇقەددەس دىنىمىزغا چېقىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەددى يوق. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى شەرقىي تۈركىستانغا مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەستىن قورقۇنچلۇق ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان بۇنداق ئىرقچى سىياسىتى پۈتۈن دۇنيادا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. خىتاينىڭ دىنىي مەسىلىلەردە كىشىلەرگە بىخەتەرلىك جەھەتتىن قارىماي خەلقنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان سىياسەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» .
ئۇ، نۇتقىدا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يەنە بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇلاردىن ئىبارەتلا ئەمەس. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك ب د ت دا 39 دۆلەت بىر بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرسۇن، ئىككىنچىسى، ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلسۇن دېيىلگەن. 39 دۆلەت بۇنىڭغا قول قويۇپتۇ، ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم تۈركىيەنى تاپالمىدىم. مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن يەنە بىر قېتىم سورىماقچىمەن، نېمە ئۈچۈن تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى بۇنداق بىر خەتكە قول قويالمايدۇ؟»
ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۈچىنچى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردىن 490 مىڭ كىشىنى سۈرىيەگە قايتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ھۆكۈمەت بۇلارغا بېرىۋاتقان ياردەم پۇلىنى تېجەپ قېلىۋاتىدۇ. ھازىر تۈركىيەدە ئاغىزكا تۈركلىرى، ئۇيغۇر، تاتار ۋە تۈركمەن مۇساپىرلار بەك قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ھۆكۈمەت سۈرىيەلىكلەردىن تېجەپ قالغان پۇللار بىلەن بۇلارغا ياردەم قىلسۇن، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ قان-قېرىنداشلىرىمىز. سۈرىيەلىكلەر بولسا بىزنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلار ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمىتىمىزنى مىللىي بولۇشقا چاقىرىمىز» .
خىتاينىڭ ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىي تۈركلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارا ئىماملار كېڭىشى ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ياخشى ئاڭلاتسا، ئۇلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى تۈركىيەدە ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەئىسىنىڭمۇ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ھۆكۈمەتكە زور بېسىم بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ 39 دۆلەت ئىچىدىن ئورۇن ئالماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 2 مىنۇت نۇتۇق سۆزلىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇنداق بېسملار ئاستىدا يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
0:00 / 0:00