دۆلەت باغچەللى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تۈركىيەدە غەرەزلىك ھالدا كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.15
Devlet-Bahceli-dewlet-baghcheli.jpg تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى نىڭ رەھبىرى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 31-مارت، ئەنقەرە، تۈركىيە.
AP

تۈركىيەنىڭ پانتۈركىزم ئىدېئولوگىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيەسى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى ئەيىبلىگەن سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. تۇرانچىلىقنى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسى قىلغان، ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ غەمگۈزارى، دەپ كەلگەن بۇ پارتىيە تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشىنىڭ غەرەزلىك پىلان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەھبىرى دەۋلەت باغچەلىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭ تۈركىيەدە قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشى «قاراڭغۇ قازناقلاردا ھازىرلانغان مەينەت سېنارىيە» ئىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قوللىشىدىكى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنى كۆرمەسكە سېلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارغا قارىتا ئېيتقان.

بۇ مەسىلىدە تۈركىيەدىكى ئىيى پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى ۋە كوردلارنىڭ دېموكراتىك خەلقلەر توپى قاتارلىق ئاساسلىق ئوڭچى، سولچى پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەردوغان ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى ئەيىبلىگەن. يېقىندا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلۇ بىلەن كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.

دەۋلەت باغچەلى 14-ئۆكتەبىر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپا يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى م ھ پ نىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىسىدىكى ھازىرقى پوزىتسىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشى تاسادىپىي ئەمەس. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسى شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ مەسىلىمىز. ھەق-ھوقۇقنىڭ تارتىۋېلىنىشى، ھەق-ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش، ئىنسان تراگېدىيەلىرى ھېچبىر ۋاقىت قوبۇل قىلىنمايدىغان زوراۋانلىقلاردۇر. پەقەت م ھ پ قاراڭغۇ قازناقلاردا ھازىرلىنىپ سۇنۇلغان مەينەت سىنارىيەلەرنىڭ زەھەرلىك ئېقىنىغا مەھكۇم بولمايدۇ، ھېچبىر تەلقىنگە يېپىشىۋالمايدۇ،» دېگەن.

باغچەلى يەنە ئۆزلىرىنىڭ تۇرانچىلىق ئىدېئولوگىيەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قىلىچدارئوغلۇ بىلەن داۋۇدئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆزلىرىگە تەنبىھ بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما خىتايغا ھېچقانداق ئىپادىدە بولمىغان. ئۇ «يولىمىزدا قېيىش يوق. بىز ھازىرمۇ بۇ يولدا، ھازىرمۇ بۇ ئەخلاق، بۇ چۈشەنچە شەرىپىگە ئىگىمىز. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى كىم، شەرقىي تۈركىستاننى قوغدايدىغانلار كىم؟» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ م ھ پ نىڭ 1-قېتىم پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە بولغان تەنقىدلەرگە جاۋاب بېرىشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت دا خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ 39 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قوللاش خېتىگە ئىمزا قويمىغان ئىدى.

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالچۇق ئۆزداغ 15-ئۆكتەبىر رادىيومىزدا دەۋلەت باغچەلىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىنسان بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدىكى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشى چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنى دەپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكنى كۆرمەسكە سېلىشنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن.

سالچۇق ئۆزداغ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇلاردا ۋىجدان بولسا، ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، مەن ئۇنىڭ باش مىنىستىرى ياكى رەئىس جۇمھۇرى دېسە؛ قەيەردە ئىرقدىشىڭىز، دىندىشىڭىز، قەيەردە كۈلتۈردىشىڭىز، تارىخدىشىڭىز بولسا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىسىز. كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز ۋابالىغا قالىسىز. ئىرقداشلىق، دىنداشلىق، كۈلتۈرداشلىق، تارىخداشلىقنى قويۇپ تۇرۇڭ، قايسى دىن، مەدەنىيەتكە مەنسۇپ بولسا بولسۇن، ھەرقانداق نورمال ئادەم ئىسكەنجە، زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئۇنىڭغا قارشى ئاۋازىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز بىزنىڭ ئىنسان بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.»

سالچۇق ئۆزداغنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەروغان ھۆكۈمىتى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈركىيەنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەتكە ئىمزا قويمىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: «غەرب دۇنياسىدا بۈگۈن 39 غا يېقىن دۆلەتنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى خېتىگە تۈركىيەنىڭ ئىمزا قويمىغانلىقىغا ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئەمما ئۇلار چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار گۇناھكار شۇنداقلا خىجالەتتە قالىدۇ ھەم چارىسىز. لېكىن كېلەچەك پارتىيەسى ئۇلارغا بېسىم قىلىۋاتىدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىچىدە بۇ مەسىلىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىۋاتقان كېلەچەك پارتىيەسى.»

ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر ئۈممەتچى پارتىيە بىلەن بىر تۇرانچى پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىپادىسى، ئۇلارنىڭ ئوز ئىدېئولوگىيەلىرىگە بولغان سەمىمىيىتىگە سوئال پايدا قىلماقتىكەن. تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «خىتاي ۋە ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى، يەر شارى رىقابەت ئىستىراتېگىيەلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەت توختى ئاتاۋۇللا بۇ ئىككى پارتىيەنىڭ زىددىيەت ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: «ئەردوغاننىڭ پەلەستىن ۋە باشقا مۇسۇلمانلار مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ئىپادىسى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى. بۇ خەلقئارادىمۇ خىتاي مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلسا ئىسلامچى دۆلەتلەر ئاۋاز چىقارمامدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلدى. دېمەك، ئۇلار خەلقئارادىمۇ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا بىر زىددىيەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى.»

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى «بۇ ھەق-ناھەق مەسىلىسى ئەمەس»، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ «گېئو-سىياسىي رىقابىتى» دەپ ئاقلىماقتىكەن.

غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدىكى تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى خىتاينىڭ مەبلىغىغە باغلىغان. ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن سودا، پۇل-مۇئامىلە كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغانلىقى، خىتاينىڭ تۈركىيە ئۇل ئەسلىھەرلىرىگە نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقى، بۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالچۇق ئۆزداغ 15-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىزچىل سەزگۈر بولۇپ كەلگەن ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە م ھ پ نىڭ ھازىر جىمىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ: «بۇ سۈكۈتكە خىتاي بىلەن ئىمزالىغان قەرز كېلىشىمىمۇ ياكى بەزى دۆلەت بانكىلىرىنىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇلۇپ، خىتايغا سېتىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىمۇ سەۋەب بولۇۋاتىدۇ،» دەپ تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.