تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىككە قارشى سادالار كۆتۈرۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.10.22
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىككە قارشى سادالار كۆتۈرۈلدى تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 21-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا مەخسۇس سۆز ئېلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا تۈركىيەنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماسلىققا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، تۈرك خەلقى ۋە تۈرك تەنھەرىكەتچىلىرىنى بېجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. خىتاي دۇنيادا ئەڭ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەيدانغا كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. كانادا پارلامېنتى ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەر، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى ۋە بۇ ھەقتىكى قارارلارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزدى.»

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، 180 دەك ئاممىۋىي تەشكىلات 2022-يىلى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن باشقا بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ قېتىم ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يازدى. بۇلاردىن سىرت كانادا پارلامېنتىدىكى 5 سىياسىي پارتىيەگە مەنسۇپ 13 پارلامېنت ئەزاسى ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغول ۋە خوڭكوڭ خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدۇر.»

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى پارلامېنتتىكى نۇتۇقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ پايتەختىدە ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىسى ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.»

«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە تۈرك تەنھەرىكەتچىلەرنى 2022-يىلى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماسلىققا ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۇ قېتىملىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماسلىقى كېرەك. تۈركىيە مەزكۇر مۇسابىقىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بۇ ھەقتە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. زالىم خىتايدا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ھەرگىز ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك.»

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنىڭ پارلامېنتتا قىلغان بۇ چاقىرىقىغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟ بۇ ھەقتە كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئۆز پارتىيەسىنىڭ بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلۈشى بېكىتىلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى مەقسەت دۇنيادا تىنچلىق بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىش ئىدى. لېكىن خىتاي بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە، پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ھەممىلا يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. كىشىلىك ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. شۇڭا بىز خىتايدا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىشىغا قارشى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە بۇرۇنقى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدا مېدالغا ئېرىشكەن تەنتەربىيەچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى خىتايدا ئېچىلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. بىز ‹كېلەچەك› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پائالىيەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر قايسى پارتىيەلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە تەييار.»

«بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ مەنىسى ياشلارنىڭ ئۆزئارا دوستلۇق ۋە چۈشىنىشى كۈچەيتىپ، تىنچلىق ۋە بەخىتلىك دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەتكە بېرىشى، ئولىمپىكنىڭ بۇ روھىغا خىلاپتۇر. بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ ئاگاھلاندۇرىمىز. بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى قىشلىق ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇنىڭغا قارشى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقچىمىز.»

20-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىرلىكتە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن سىرت، 7-ئايدا ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى شۆبىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشىمۇ ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.