2022-يىلى 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تراگېدىيە مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 30-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلارنى تۈرك ساقچىلىرى قاتتىق قوللۇق قىلىپ تارقاپ كېتىشكە زورلىغان ۋە تۇتقۇن قىلىپ چېگرادىن چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى. ئاشۇ ساقچىلارنىڭ بىرى بولغان مۇرات چايقارا ئەسلىدە ئىستانبۇل سارىيەر رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، يېقىندا ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن «خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى» دىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ (Ömer Faruk Gergerlioğlu) 27-ئۆكتەبىر كۈنى پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاپ كېلىۋاتقان «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» نى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئۇ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ سۈرەتتىكى مەنزىرە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدى. كونسۇلخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقانلار ئۇيغۇر تۈركلىرى. بۇ رەسىمدە ئۇلارنىڭ نامايىش قىلىشىنى كىم توسۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارنى توسۇۋاتقان ساقچى ئىستانبۇل سارىيەر رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى مۇرات چايقارادۇر. بۇ ساقچى باشلىقى نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نېمە دېدى، بىلەمسىلەر؟ ئۇ، قول ئاستىدىكى ساقچىلارغا ‹ئۇيغۇرلارنى بۇ يەردىن تازىلاڭلار› دەپ بۇيرۇق بەرگەن. باشقا جايلاردا ‹ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز› دەپ پو ئاتىسىلەر. ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ‹كۆزۈمدىن يوقال، بۇ يەردىن كەت› دەيسىلەر.»

پارلامېنت ئەزاسى فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغان سارىيەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى مۇرات چايقاراغا نېمە بولدى؟ بىلەمسىلەر؟ ئۇنى ھۆكۈمەت ئۆستۈرۈپ ھازىر ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قىلىپ تەيىنلىدى. سىلەرنىڭ ھالىڭلار بۇ. سىلەر قۇرۇق گەپ قىلىسىلەر، مەن بۇلارنى ئەيىبلەيمەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۆت يېرىم يىل بۇرۇن خىتايغا بېرىپ، جازا لاگېرلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي بىلەن كېلىشكەن ئىدى. بۇ ئىش تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ‹خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىم بۇزۇلمىسۇن، خىتاينى رەنجىتمەي› دەپ مۇشۇنداق سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىسىلەر. ئەي ھۆكۈمەت ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى! سىلەر داۋاملىق پو ئاتماي ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار! ئىككى قولۇڭلارنى يۈرىكىڭلارغا قويۇپ تۇرۇپ گەپ قىلىڭلار، ئادىل بولۇڭلار!»

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ ۋاقىتتا ساقچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشتا ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ، بىردەمدىن كېيىن «ھەممىڭلارنى سۈپۈرۈپ تازىلايمىز، تۇتقۇن قىلىپ چېگرادىن چىقىرىۋېتىمىز» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. نامايىشتا ساقچىلارغا غەزەپلىنىپ تىركەشكەن جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مىرزائەخمەت ئىلياسوغلۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ساقچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان قاتتىق سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن قاتتىق نارازىلىق ۋە غۇلغۇلا پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كۆپلىگەن تۈرك خەلقى نامايىش مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پارلامېنتتا بۇ ۋەقەنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ساقچىلارنىڭ قىلمىشى تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سولايمان سويلۇ، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا تۈرك ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان قاتتىق قول مۇئامىلىسىگە قارىتا ئۆزىنىڭ X (يەنى بۇرۇنقى تىۋىتتېر) بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىغان ئىدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سولايمان سويلۇ باياناتىدا يەنە «بۇ كۆڭۈلسىز ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش باشلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ساقچىنى ئۆستۈرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ بۇ ھەقتە جاۋاب ئالالمىدۇق.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىپارخان ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، چۈنكى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئەپۇ سورىغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغان ساقچىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، تۈركىيەدە بۇنداق ئىشلارنىڭ بۇندىن كېيىن قايتا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

30-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش خەلق ھەرىكىتى نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ھېچ قانداق تەشكىلاتنىڭ نامى ئىشلىتىلمىگەن ئىدى.