تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.11.06
rejep-tayyip-erdoghan-2020-noyabir.jpg تۈركىيە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 5-نويابىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
AP

4-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە ئالىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى چاقىرىلدى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە، 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇخبىرلارغا يېپىق بولغان 3 يېرىم سائەتلىك ئالىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى چاقىرىلغانلىقى، يىغىندا سۈرىيە مەسىلىسى، لىۋىيە كرىزىسى، يەمەن ئۇرۇشى، تاغلىق قاراباغ مەسەلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەردە پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق زۇلۇمغا قاراپ تۇرمىغانلىقى، بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشقانلىقى، كېيىنكى مەزگىللەردە سۈرىيە، لىۋىيە، سىپرۇس ۋە قاراتاغدا بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنى نامايان قىلغانلىقى، ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىمۇ تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. باياناتتا يەنە تۈركىيەنىڭ سوغۇق قانلىق، سەمىمىيەت ۋە دۇرۇست تاشقى سىياسەت ئارقىلىق يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاش سىياسىتى ئېلىپ بارغان كۈندىن تارتىپ 3 يىل ئىچىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈكۈتتە تۇرۇش يولىنى تاللىغان ئىدى. خەلقئارا يىغىنلاردا، باياناتلىرىدا دۇنيادىكى بارلىق ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. ئۇنداقتا، ئەدوغاننىڭ بۇ قېتىمقى يېپىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كېلەچەك پارتىيەسى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەچكە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ، كېيىن مەن ۋە پارتىيەنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئۇمۇت ياردىمجى ئەپەندىلەر ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۆتكەن ئايدا ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن يىغىن ئاچتۇق. بۇنى كۆرگەن ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىغا ھەسەل سۈركەپ قويۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، دەپ ئويلايمەن.»

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كونكرېت بىر ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ياخشى ئىش. لېكىن يېتەرلىك ئەمەس. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە كونكرېت ئىش قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىسى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەك. ھۆكۈمىتىمىز ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى كۆزدىن كۆچۈرۈشى كېرەك. كونكرېت بىر ئىش قىلمىسا ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇ يەردە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار. ئۆتكەندە بۇ ھەقتىكى بىرلەشمە مەكتۇپقا 39 دۆلەت قول قويدى، تۈركىيە قول قويۇشى كېرەك ئىدى. نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا قول قويمىغانلىقىنى ھۆكۈمەت خەلققە ئاڭلىتىشى كېرەك. بۇلارنى قىلسا ئاندىن مەن ھۆكۈمىتىمىزنى ئالقىشلايمەن.»

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا ‹ياخشى› پارتىيەسى ئىگە چىقسا ھۆكۈمەت سايلامدا زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىن كونكرېت نېمە قىلىدىغانلىقىغا قاراپ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.»

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلغان ئالىي كېڭەش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بەزىلەر دېگەندەك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ بېشارىتى؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى ئەنۋەر سەمەت ئەپەندى كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى مەزكۇر ئالىي كېڭەش يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ بىرقانچە سەۋەبى بارلىقى بىلدۈردى.

2018-يىلىدىكى سايلام ئارقىلىق تۈركىيە پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتكەن بولۇپ، دۆلەت پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قول ئاستىدا ‹ئالىي كېڭەش› قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئالىي كېڭەش يىغىنىغا كېڭەش ئەزالىرىدىن سابىق پارلامېنت رەئىسلىرىدىن ئىسمائىل قاھرامان، بۇلەنت ئارىنچ، جەمىل چېچەك، كۆكسال توپتان، مەھمەت ئالىي شاھىن، سابىق باش مىنىستىر يىلدىرىم ئاقبۇلۇت، پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن مەتىن قىراتلى، ھاسان دوغان ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەپەندىلەر قاتناشقان. مەزكۇر ئالىي كېڭەش يىغىنى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىندا تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.